ساغلاملىق

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

مونچاق گۆش بەدەندىكى توقۇلمىلاردىن ئۆسۈپ چىققان «ئارتۇق گۆش». تۇرمۇشتا مۇنچاق گۆش توغرىسىدىكى گەپلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «مۇنچاق گۆش راكنىڭ ئۇرۇقىدۇر» دېگەنلەر دائىم ئۇچرايدىغان گەپلەردۇر.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالسىلا، ھامان بىر كۈنى راكقا ئۆزگىرىدۇ، دىگەن گەپ راستمۇ؟ مۇنچاق گۆش ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال قۇرۇلمىسىدا ئۆسۈپ چىققان «جاراھەت گۆش» بولۇپ، ئۇ ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بىر خىلى، ئادەم بەدىنىدىكى كاۋاك ئەزالار، شىللىق پەردە بىلەن قاپلانغان يەرلەردە مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن.

مونچاق گۆش بىلەن راك كېسىلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل كېسەل. لېكىن مونچاق گۆشمۇ %100 بىخەتەر ئەمەس، بىر قىسىم مونچاق گۆشلەردە يەنىلا يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش خاھىشى بار.

ئەگەر بەدەننىڭ بۇ تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش بايقالسا، ئۇنداقتا ئۇنى بالدۇرراق ئېلىۋېتىش ناھايىتى زۆرۈر :

1. ئۈچەي مونچاق گۆشى

ئۈچەي مونچاق گۆشى ئۈچەي شىللىق پەردىسىدىكى تومپىيىپ چىقىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك ۋە غەيرىي بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك.

غەيرىي بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆش ئاساسلىقى ياللۇغ، ئۆسۈش خاراكتېرلىك مونچاق گۆش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچەي راكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمما بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا كىلىنىكىسىدا ئېتىراپ قىلىنغان راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدۇر.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزدىكى چوڭ ئۈچەي راكى بىمارلىرىنىڭ %95 تىن كۆپرەكى بەز ئۆسمىسىدىن تەرەققىي قىلغان. بەز ئۆسمىسىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە سانىغا تايىنىپ بەلگىلىنىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يەككە خاراكتېرلىك بەز ئۆسمىسىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، ئەكسىچە سانى قانچە كۆپ بولسا، راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مونچاق گۆشنىڭ دىئامېتىرى شۇنچە چوڭ بولسا، راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

ئادەتتە بىر سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان بەز ئۆسمىسىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى پەقەت %3 تىن تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر مونچاق گۆشنىڭ دىيامېتىرى ئۆسۈپ 1-2 سانتىمېتىرغا يەتكەن بولسا، ئۇنداقتا راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى كە يېتىدۇ، ئىككى سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا بولىدۇ.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

2. ئۆت مونچاق گۆشى

ئۆت مونچاق گۆشى بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك ۋە خولېستېرىن خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئۆت خالتىسى بەز ئۆسمىسى بىلەن ئۈچەي يولى بەز ئۆسمىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىدە مەلۇم دەرىجىدە يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، دىئامېتىرى قانچە يۇقىرى بولسا، كېيىنكى مەزگىلدە راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

ئەمما خولېستېرىنلىق مونچاق گۆش كىلىنىكىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋالدا كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلاردا يەككە خاراكتېرلىك مونچاق گۆش بولىدۇ.

خولېستېرىن مونچاق گۆشى گەرچە ياخشى سۈپەتلىك تۈرگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ئۆت نەيچىسىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆت خالتىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىدۇ، تەرەققىي قىلىپ ئۆت خالتىسىغا سۇ يىغىلىش، ياللۇغلىنىشقا ئۆزگىرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا، كېيىنكى مەزگىلدە ئوخشاشلا راكقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

شۇڭا، كىلىنىكىدا ئۆت خالتىسىدا مونچاق گۆش بايقالسىلا، بالدۇرراق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ يېشى 50 ياشتىن ئاشقان، يەككە خاراكتېرلىك مونچاق گۆشنىڭ دىيامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن ئاشقان، روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئىنتايىن زۆرۈر.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

3. ئاشقازان مونچاق گۆشى

ئاشقازاندا مونچاق گۆش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاشقازان بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشقازان مونچاق گۆشىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئۆسۈش خاراكتېرلىك مونچاق گۆش، ئاشقازان ئاستى بېزى مونچاق گۆشى، بەز ئۆسمىسىسىمان مونچاق گۆشى قاتارلىقلار.

كلىنىكىدا، ئەگەر بىر سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان ئاشقازان مونچاق گۆشى پەيدا بولسا، پاتولوگىيىلىك تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ، مونچاق گۆشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش كېرەك. ئەگەر مۇنچاق گۆش بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مۇنچاق گۆش بولسا، گەرچە ئۇ ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، ۋاقتىدا كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

4. بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى

مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، بالىياتقۇ بوينىدا مونچاق گۆشنىڭ پەيدا بولۇشى ياللۇغنىڭ ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇ بوينىدىكى مونچاق گۆشنىڭ كۆپ قىسمى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلاردا ھەيزگە ئوخشاش تىپىك بولمىغان قاناش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى گەرچە ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ داۋاملىق ئۆسۈش جەريانىدا ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككىلەمچى ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زۆرۈر بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

تۆت ئورۇندا مۇنچاق گۆش ئۆسكەن بولسا بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم مونچاق گۆشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار، لېكىن بىمارلار بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى مونچاق گۆشنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ.

شۇڭا، مۇنچاق گۆش بايقالغان ھامان ۋاقتىدا كېسىپ ئېلىۋېتىلسە، راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما، مۇنچاق گۆش قايتا قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، بىمار كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، مۇنچاق گۆشنىڭ قايتا قوزغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى