ساغلاملىق

چىش ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى

مەملىكەت بويىچە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 35 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاھالىلەر ئىچىدە چىش مىلىكى قاناش نىسبىتى %87.4 بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن يۇقىرى ئىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتسنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىش مىلىكى كېسەللىكى قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %50 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

چىش ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى

ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا، ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك تەلەپنى ئورۇنلاش كېرەك:

1. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش كېرەك، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش تېخىمۇ مۇھىم.

2. چىش چوتكىسى ۋە ئېغىزلىق ئىستاكاننى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

3. توكلۇق چىش چوتكىسى بىلەن چىش چوتكىلاش؛ چىش چوتكىسىنى ھەر ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش.

4. چىش يىپى ياكى چىش ئارىلىقىنى قەرەللىك چوتكىلاپ، چىش ئارىلىقىنى تازىلاش كېرەك.

5. شېكەر ئىستېمال قىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يۇقىرى قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك.

6. تاماكا چەكمەسلىك، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.

7. چىش دوختۇرخانىسىدا چىشنى يىلدا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.

8. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا بىئاراملىق، ئاغرىش، چىش مىلىكى قاناش، غەيرىي پۇراق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

9. كەمتۈك چىشنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

10. گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ۋە داۋالاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى