ساغلاملىق

تېرىمىزدە كانا بارلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

كانا تۈك خالتىسى ۋە تېرە ياغ بېزىدە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاساسلىقى تېرە ئاجرىتىپ چىقارغان تېرە يېغى بىلەن چۈشۈپ كەتكەن مۈڭگۈز ماددىلىق ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

تېرىمىزدە كانا بارلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

تېرىدە كانا بار بولسا بۇ تۆت خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

1. قىچىشىش: باش تېرىسىدىكى تۈك خالتىسىدا پارازىت ياشايدىغان كانا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ھەمدە تۈك خالتىسىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كىرىپ، باش تېرىسىنى غىدىقلاپ قىچىشىش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانا كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەنى ئېلىپ يۈرگەچكە، ئاسانلا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.

2. ياغ: كانا باش تېرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان ياغنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باش تېرىسىنىڭ داۋاملىق كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. باشنى بىر كۈن يۇمىسا كانا كۆپ مىقداردىكى مايلىق «ئاق لاي»نى كوچىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ.

3. دانىخورەك: تېرىمىزدىكى كانا ئاجرىلىپ چىققان كېرەكسىز ماددا، زىيادە ماي ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇپ دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسىنى كانا تېرە يۈزىدىن تۈك خالتىسىغا ئېلىپ كىرىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

4. ئاجرىتىش: كانىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن توسۇلۇپ قالغان تۈك خالتىسى چاچنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلمەي، چاچنى ئىنچىكە ۋە چۈرۈكلەشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانا يەنە چاچنى غاجاپ يىلتىزنى زەخىملەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇرمۇشتا كانا يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولسا «ئاپتاپقا قاقلاش» بولۇپ، يېتەرلىك قۇياش نۇرى كانىنىڭ كۈشەندىسىدۇر. تەركىبىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، كانا يوقىتىش تەركىبى بولغان چاچ يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش، باشنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، چاچ يۇيغاندا باش تېرىسىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تۈك خالتىسىدىكى ماي ۋە كانىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.

 

تېرىمىزدە كانا بارلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

كانىنىڭ يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولمىسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېترونىدازول يېلمى (甲硝唑凝胶) ياكى پېروكسى بېنزويل يېلىمى (氧苯甲酰凝胶) بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى