ساغلاملىق

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كېچىدە تۈنەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەت بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىيالمايدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا سالامەتلىككە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياخشى ئۇيقۇغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇپ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسىلا بولىدۇ.

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

1. قەرەللىك ھەرىكەت قىلىش

ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ناھايىتى ئاز، شۇڭا ئادەتتە ھېچ ئىش قىلماي يۈگۈرۈپ چېنىقىش كېرەك، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇيقۇغىمۇ پايدىلىق. بىراق ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلماسلىق، ئۇخلاشتىن ئالتە سائەت بۇرۇن چېنىقىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ھەرىكەتتىن كېيىن بەدەننىڭ زىيادە قىزىپ كېتىپ، ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلارنى ئىشلەتمەڭ

كىشىلەرنىڭ كېچىدە تۈنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ كۆپ قىسمى يانفون ۋە كومپيوتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون كۆرسە ئىزچىل ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكرانىدىن چىققان رادىئاتسىيە بەدەندە پەيدا بولغان ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان مېلاتونىننى تورمۇزلايدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇشلۇققا ئادەتلەنگەن كىشىلەر يانفونىنى قەغەز كىتاب-ژۇرناللارغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىردەمدىلا مۈگدەپ قالىدۇ.

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

3. ياتاق ئۆينىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ساقلاش

بەزى كىشىلەر ياتاق ئۆيگە چىراغ يېقىپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما ئۇخلىغاندا يورۇقلۇق تەسىرىدە مېلاتونىن تورمۇزلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆزى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك ھەمدە يورۇقلۇق توسىدىغان دېرىزە پەردىسىنى ئىشلىتىپ، ياتاق ئۆينىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ساقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئۇيقۇغا پايدىلىق.

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

4. ئارام كۈنلىرى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق ئۇخلىماسلىق كېرەك

يەكشەنبە كۈنى قانغۇچە ئۇخلىۋېلىش بىر كۈنلۈك بىئولوگىيىلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كەچتە ئۇخلىيالماسلىقنى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا چوقۇم نورمال ئادەتلەنگەن ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش ۋە ئۇخلاش كېرەك.

5. كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق يېيىش

بەزى كىشىلەر كەچلىك تاماقنى سائەت يەتتىدىن كېيىن يېيىشكە ئادەتلەنگەن، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بەدەننىڭ كەچلىك تاماقنى ھەزىم قىلشىغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر تاماق يەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي بىئارام بولۇپ ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە كۆپچىلىككە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىن قەھۋە ياكى چاي قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېچىدە دائىم ئۇخلىيالمامسىز؟

6. شاۋقۇننى توسۇش

يول بويىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەر كەچتىمۇ دائىم ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا قۇلاق پۇرۇپكىسى بىلەن قۇلاقنى ئېتىش ئارقىلىق، مۇھىت شاۋقۇنىنىڭ ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدىغان دورىلارنى چوقۇم ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشىنى، ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ چوقۇم قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىشلىتىشىنى، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى