تەبىئەت

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

يەر شارىنىڭ بارغانسېرى ئىللىپ كېتىشى بولسا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئۇنداقتا يەر شارى زادى قانچىلىك ئىللىپ كەتتى، بۇنىڭدىن قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى؟ بۇلارنىڭ بىز بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان بىۋاسىتە تەسىرلىرى بارمۇ؟

بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، 1994 ـ يىلىدىن 2017 ـ يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا يەر شارىدا جەمئىي 28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مىقدار بولسا پۈتكۈل ئەنگلىيەنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىدىكى 100 مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز پارچىسىنىڭ يوقالغانلىقىغا باراۋەر كېلىدۇ؛ ياكى بۇنى پۈتكۈل 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو زېمىنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2.9 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور كۆلگە ئايلانغانلىقىغا تەمسىل قىلىشقا بولىدۇ؛ ياكى جۇمۇلاڭما چوققىسى ئىگىلەپ تۇرغان 2800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا 20 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، چوققا قىسمى ئوخشاش كۆلەمدىكى غايەت زور مۇز پارچىسىغا ئوخشاتساق، بۇ ھالدا ئۇ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

بۇ تەتقىقات ئەنگلىيە لىدس ئۇنىۋېرسىتېتى (英国利兹大学)دىن كەلگەن بولۇپ، ئالىملار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتىش ۋە سانلىق قىممەت مودېلى ئارقىلىق، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ 1994-يىلىدىن بۇيانقى مۇزنىڭ ئېرىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، قىسقىغىنا 23 يىل ئىچىدە شىمالىي قۇتۇپتىكى دېڭىز مۇزىنىڭ 7 تىرىليون 600 مىليارد توننا، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى قۇرۇقلۇق مۇز قۇرۇلمىسىنىڭ 6 تىرىليون 500 مىليارد توننا، ئىگىز تاغ مۇزلۇقلىرىنىڭ 6 تىرىليون 100 مىليارد توننا، گرېنلاند مۇز قاپلىمىسى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز مۇزى قاپلىمىسىنىڭ 6 تىرىليون 300 مىليارد توننا، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز مۇزىنىڭ 9 تىرىليون توننا ئېرىپ كەتكەنلېكىنى بايقىغان.

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

بارلىق ئېرىگەن مۇز پارچىلىرى ئىچىدە، شىمالىي يېرىم شاردىكىسى %58نى، جەنۇبىي يېرىم شاردىكىسى %42نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېرىش %68نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى بولسا دېڭىز-ئوكيان سەۋەبلىك ئېرىگەن. 2012-يىلىدىن بۇيان، ئانتاركتىكادىكى مۇز ئېقىمىنىڭ يوقىلىش نىسبىتى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە مۇز قۇرۇلمىلىرىنىڭ نېپىزلىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، ئالدىنقى 20 يىلدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتتى.

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

بىر تىرىليون توننا كېلىدىغان مۇزنى ئاددىي قىلىپ 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۇب شەكىللىك مۇز پارچىسى دەپ قارىساق، بۇ مۇز پارچىسى ئۆز نۆۋىتىدە جۇمۇلاڭما چوققىسىدىنمۇ ئىگىز چىقىدىكەن. سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغىنى شۇكى، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ نۆۋەتتىكى بارلىق بىئولوگىيەلىك مىقدارى- يەنى بارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر، مىكرو جانلىقلار ۋە بارلىق ئورگانىك جىسىملارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 100 مىليارد توننا كېلىدۇ، ئىنسانلار ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن بارلىق جىسىملار، ئاساسلىقى ئاسفالت، بېتون، خىش، سولياۋ، مېتال، ياغاچ ماتېرىيالى، ئەينەك، قەغەز قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىمۇ دەل 1 تىرىليون 100 مىليارد توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلياۋنىڭ ماسسىسىنىلا مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ مىقدارى بارلىق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرىنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

«تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 100 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن ماددىلار تەخمىنەن جانلىقلار ئومۇمىي مىقدارى (تەخمىنەن 2 تىرىليون توننىلىق مىقدار)نىڭ %3ىنىلا ئىگىلەيدىكەن. يەنى بىز زور مىقداردىكى ماددىلارنى ياساش ۋە ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى 1 تىرىليون 100 مىليارد توننا ئازايتتۇق ھەمدە تاشقاتما يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق، زور مىقداردىكى پارنىك گازىنى ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىپ، كىلىماتنى ئىللىتىپ، يەر شارىدىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشىگە سەۋەبچى بولدۇق. پەقەت يېقىنقى 23 يىلدىلا، 28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ، پۈتكۈل يەر شارىدىكى بارلىق ھاياتلىق ماسسىسىنىڭ 28 ھەسسىسىگە، ئىنسانلار ياسىغان جانلىقلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 28 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ 1 تىرىليون 100 مىليارد توننا سۈنئىي ماددىنى ياساش ئۈچۈن، يەر شارى 28 تىرىليون توننا مۇزنىڭ ئېرىپ كېتىشىدەك بەدەلنى تۆلىگەن.

28 تىرىليون توننا مۇز ئېرىپ كەتتى

«تەبىئەت» ژۇرنىلىدىكى بۇ تەتقىقاتمۇ نۆۋەتتە ئىنسانلار ھەر يىلى 30 مىليارد توننا ماددا ئىشلەپچىقىرىدۇ، 2040-يىلىغا بارغاندا سۈنئىي ماددىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 3 تىرىليون توننىغا يېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. 20 يىلدا 2 تىرىليون توننا كۆپەيگەن ئادەم ياسىغان نەرسە ھازىر بار بولغان ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئىشلەتكەن ئېنېرگىيە يەنە قانچىلىك مۇز پارچىسىنىڭ ئېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قانچىلىك يەر شارىدىكى ھاياتلىقنى ئازايتىدۇ؟ ئەگەر بىز ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىمىساق، پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتماي ھەتتا توختىتىۋەتسەك، يەر شارى قىسقىغىنا 20 يىل ئىچىدە مۇزلاردىن، نورمال كىلىماتتىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى