تەبىئەت

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

يازغۇچى رۇديارد كىپلىڭ (Rudyard Kipling) چۆچەك ئۇسلۇبىدىكى ھېكايىسى «يالغۇز مۈشۈك» (独来独往的猫)تە مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىگەن. ئەر ئويغانغاندا،-ئۇ ياۋا ئىت نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟-دەپ سورايدۇ، ئايال جاۋابەن،-ئۇنىڭ ئىسمى «ياۋا ئىت» ئەمەس، بەلكى مېنىڭ «ئەڭ ياخشى دوستۇم»، مەڭگۈ شۇنداق، ئوۋ ئوۋلىغاندا ئۇنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،-دەيدۇ.

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلارنىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىنسانلار، ئەلۋەتتە ئىنسانلار ئىتنى كۆندۈرگەن دەپ قارامدۇ-يوق؟ لېكىن جاۋاب راستتىنلا باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇشى ناتايىن. 10 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇغداي بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى، ئەمما كېيىنكى 1000 يىل ئىچىدىلا بۇغداي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ئەينى چاغدىكى ئەقىللىق ئادەملەر بۇغداينىڭ ئىنسانلار ئادەتتە تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر بۇغداينى ئىنسانلار تىزگىنلىيەلەيدىغان دائىرىدە ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئۆستۈرەلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىقدارى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە ئادەملەر ئوۋ ئوۋلاشتىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ بۇغداي تېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىشقا باشلىغان. بەزى ئەقىل ئىگىلىرى بۇغداينىڭ ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇ تاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا سىز ئېتىزدىكى تاشلارنى يۆتكەپ چىقىرىشىڭىز كېرەك. بۇغدايمۇ باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بوشلۇق، سۇ ۋە ئوزۇقلۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ. بايلىقلارنى تارتىۋېلىشتىكى بۇ «جەڭ مەيدانى»دا بۇغداي ئەلۋەتتە ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ رەقىبى ئەمەس ھەم ئانچە «ساغلام»مۇ ئەمەس، ئاندا-ساندا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ كېسىلىگە ياردەم بېرىش كېرەك، ئۇنى تەييارغا ھەييار ئوتخور ھايۋانلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغدىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇغداي دائىم ئۇسسايدۇ، يامغۇر ياغمىغان بولسا سۇ توشۇپ ئۇنى سۇغۇرۇش كېرەك. ئادەملەر كۈزدە ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، قىش، ئەتىياز ۋە يازنى جاپالىق ئۆتكۈزۈپ بۇغداينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. نەتىجىدە بۇغداي ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ كىم كىمنى كۆندۈرگەن؟

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

قېنى بىز ئىنسانلارنىڭ ياخشى دوستى ئىتقا قاراپ باقايلى. ئىتنىڭ ئەجدادى بۆرە ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس. بۆرىدىن ئىبارەت بۇ خىل گۆشخور ھايۋان خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئادەملەر بىلەن رىقابەت مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن. ئەينى دەۋردىكى ئادەملەر بۆرە بىلەن يېمەكلىك تالىشىدۇ، يەر تالىشىدۇ… بۆرىلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا چوقۇم بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا يارىلانغان ياكى تېنى ئاجىز بۆرىلەرچۇ؟ ئۇلار بۆرە توپى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئوۋلىنىدۇ ياكى ئوۋ ئوۋلىيالماي ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. بىراق بەزى يالغۇز قالغان ئاجىز بۆرىلەر ئاستا-ئاستا شۇنى بايقىدىكى، ئەگەر ئىنسانلار بىلەن بەلگىلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىسا، ھەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمەيدۇ ھەم قەرەللىك ھالدا ئىنسانلار غاجىلىيالمايدىغان بەزى سۆڭەكلەرنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ بىر توپ بۆرىلەر جان بېقىش ئۈچۈن ئىنسانلار پائالىيەت قىلىدىغان يېقىن ئارىلىقلارغا ماكانلاشقان.

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

ئىنسانلارمۇ ئەلۋەتتە ئەخمەق ئەمەس، بۆرىنى بايقىغاندىن كېيىن ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمايدۇ، جەڭگە تەييارلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار بۇ بۆرىلەرنىڭ ئىلگىرىكى بۆرىلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقى، ئىنسانلار بىلەن بىۋاسىتە يۈزمۇ-يۈز توقۇنۇشۇپ قالمايدىغانلىقى، ھەمىشە مۆتىدىل ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەرمۇ بارا-بارا بۇ «يېڭى» بۆرىلەرنىڭ ئۇلار قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى، ھەرىكەت مۇددىئاسىنىڭ پەقەت ئىنسانلار غاجىلىيالمايدىغان سۆڭەكلەرنى يېيىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنداق قىلىپ ئادەملەر بۇ بۆرىلەرگە بولغان ھوشيارلىقىنى ئاستا-ئاستا بوشاشتۇرۇپ، دۈشمەنلىك خاھىشىنى تۈگەتكەندە تېخىمۇ سىرلىق ئىش يۈز بەرگەن. ناۋادا كېچىدە راستتىنلا باشقا چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ھۇجۇم قىلغاندا، بۇ «ئىشىك باقار» بۆرىلەر خەتەرگە كىشىلەردىن بۇرۇن يېقىنلىشىپ، ئىنسانلارغا سىگنال بەرگەن. نەچچە قېتىملىق ھەمكارلىقتىن كېيىن ئادەملەرگە سىگنال بەرگۈچ بولالايدىغان بۇ بىر نەچچە «ئاجىز بۆرە»گە نىسبەتەن ياخشى تەسىر پەيدا بولغان، بىخەتەر ئارىلىقمۇ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىتلارنىڭ ئەجدادى بولمىش بۆرىلەر ئادەملەرنىڭ ھويلىلىرىغا «كۆچۈپ» كىرگەن.

نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئاشۇ دوستانە بۆرىلەرمۇ ئاللىقاچان باشقىلارغا قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىشقا ئادەتلەندى، توغرا ئۇلار ھازىرقى ئىتقا تەرەققىي قىلدى.

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئەلىس روبېرتىس (Alice Roberts)نىڭ «كۆندۈرۈش»(驯化) ناملىق كىتابى

ناھىيەسىگەرچە ھازىرقى زاماندىكى ئىتلارنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ لېكىن ھەممىسى بۆرىنىڭ ئەۋلادى، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا ياۋروپا كۆك بۆرىسىنىڭ ئەۋلادى. ھازىرقى زامان ئىتلىرى بىلەن كۆك بۆرىنىڭ گېن تەرتىپى ئوخشاش دەرىجىدە %99.5كە يېتىدۇ.

«كۆندۈرۈش» دېگەن بۇ كىتابتا بىلىم خاراكتېرى بىلەن قىزىقارلىق بولۇشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن. يازغۇچى ئەلىس روبېرتىس ئىلمىي تەتقىقاتنى قىزىقارلىق بايانلارغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر ئىدى. ئۇ بىر دوختۇر، ئالىم، يازغۇچى شۇنداقلا رىياسەتچى بولۇپ، ئىلگىرى BBCدا ئالقىشقا ئېرىشكەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىكى پىروگراممىلارنى ئىشلىگەن. «كۆندۈرۈش» دېگەن بۇ كىتابتا، ئۇ تارىخشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى گېن پەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم تۈرلەرنىڭ كۆندۈرۈلۈش تارىخىنى قايتا بايان قىلغان. ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى «ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «مىلتىق-زەمبىرەك، كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ئەتىرگۈل» بىلەن بەسلەشكەن ئىنسانىيەت تارىخى ئەسىرى دەپ ئاتىغان.

بىز بېشىدىكى «ئاجىز بۆرىلەر» ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ئىلمىي نۇقتىسىنى تەھلىل قىلغاچ ئىنسانلار بىلەن بۆرە ۋە ئىتنىڭ ھېكايىسىگە قايتىپ كېلەيلى. 1959-يىلى ئالىم دىمىترى بېليېۋ (Dmitry Belyev) ھايۋانلارنى قانداق ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلىشنى قارار قىلىدۇ. تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالاھىدە ھەرىكەتكە مەركەزلىشىدۇ. ئۇ ئىتلارنى كۆندۈرۈشتە ئۇلارنىڭ بەزى ئاچقۇچلۇق ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ھەرقانداق بىر بۆرىنىڭ تۇغما ياۋاش بولۇش ئالاھىدىلىكى تاللىنىدۇ، ھۇجۇم قىلىش خاھىشى رەھىمسىزلىك بىلەن چەتكە قېقىلىدۇ. بۇ ئىتلارنىڭ ئەجدادىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پەقەت ئەڭ دوستانە قىسمىلا ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدا ياشاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بۆرە توپىنىڭ ھەممىسى ئائىلە شەكلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ، بارلىق بۆرىلەر ئارىسىدا يېقىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر بىر بۆرە ئىنسانلارغا بەرداشلىق بېرەلىسە ھەتتا ئىنسانلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالىسا، ئۇنداقتا باشقا بۆرىلەردىمۇ ئوخشاش گېن ۋە ھەرىكەت خاھىشى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ بىر توپ بۆرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى مۇمكىن.

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇلايىم بۆرىلەر بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە يول قويۇپ بىللە ياشاپلا قالماي يەنە بىر خىل ھەمكارلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەل دوستلۇقىنىڭ باشلىنىشى. بۆرە توپى ئىنسانلارنىڭ لاگېرىغا بېرىپ ھەرىكەت قىلغاندا، ئىنسانلار يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئۇلارغا يول قويغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەنگە باراۋەر. چۈنكى ئۇلار ئەلۋەتتە ئىنسانلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، بۇ چوڭ ئادەملەر ۋە كىچىك بالىلارغا ھەمراھ بولۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نوقتا كۆندۈرۈش نەزەرىيەسىدە ئاز ئۇچرايدۇ، چۈنكى بۇ بەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشتەك بىلىنىدۇ، لېكىن روبېرتسنىڭ قارىشىچە بۇ ئالاھىدىلىك كۆندۈرۈشتە چوقۇم مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزى كىچىك بۆرىلەر ئېنىقكى كىشىلەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنىدۇ، خۇددى بۈگۈنكى بالىلار دائىم بىر ئەرمەك ئىت باقىمەن دەپ غەلۋە قىلىشقاندەك، ئوخشاش قائىدە بويىچە مۇز دەۋرىدىكى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارمۇ ئېنىقكى بالىلىرىنىڭ بۇ خىل بېسىمى ۋە تەلىپىگە باش ئېگىشكەن.

بىراق بىز ئىت بىلەن بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىئ‍ولوگىيە جەھەتتىن چۈشەنگىلى بولمايدىغان پەرق مەۋجۇت. ئائىلىدە بېقىلىدىغان كۆندۈرۈلگەن تۈرلەر بىلەن ياۋايى تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا يەنىلا ناھايىتى غۇۋا بولىدۇ. ئارخېئولوگىيە ئىلمى، تارىخشۇناسلىق ۋە بوتانىكا ئىلمى بىزنى نۇرغۇن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار ھېلىھەم مەۋجۈت.

روبېرتىس «كۆندۈرۈش» دېگەن كىتابىدا ئىت، بۇغداي، كالا، كۆممىقوناق، بەرەنگى، توخو، شال، ئات، ئالما ۋە ئادەمدىن ئىبارەت ئون خىل ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقنىڭ كۆندۈرۈلۈشى، ئۆزلەشتۈرىلىشى ياكى تەدرىجىي تەرەققىياتىنى بايان قىلىدۇ. كالا بىلەن توخودىن تارتىپ بەرەنگى ۋە شالغىچە، بۇ كۆندۈرۈلگەن، ئۆزلەشتۈرۈلگەن تۈرلەر ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاش-قوراللار دەۋرىدىن مەدەنىيەتلىك ئىنسانلارغىچە، بىز ۋەھىمىلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى ئىنسانلار مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى ئۆزى كۆندۈرگەن. پەقەت ئۆزىمىزنى يېتەرلىك كونترول قىلالىغاندىلا، بىز ئاندىن باشقا تۈرلەرنى كۆندۈرەلەيمىز.

ئىنسانلار كۆندۈردىمۇ ياكى «كۆندۈرۈلدىمۇ»؟

ھازىر بىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوتاندا بېقىلىدۇ، مەسىلەن كالا، ئات، قوي، توخو، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلار. لېكىن بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ تەمىناتى ئىتنىڭكىدەك ياخشى؟ چۈنكى ئىتلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرى ئوۋ ئوۋلاشقا، بەزىلىرى ئۆيگە قاراشقا، بەزىلىرى يول باشلاشقا ماھىر بولغان. ئىنسانلارنىڭ بارلىق غەلىتە ئېھتىياجىنى ئىتلار ئىمكانقەدەر قاندۇرغان. بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە پايپېتەك بولۇپ يۈرگەنلېكىنى كۆرىمىز، ئىتىقا ئەلا سۈپەتلىك ئىت يېمى ئېلىپ بېرىشى، قەرەللىك ھالدا ئۇلارنى يۇيۇپ، ياساندۇرۇپ تۇرۇشى، ھەر كۈنى ئىتىنى ئېلىپ سەيلە قىلدۇرۇشى، ئوينىتىشى كېرەك. ئەگەر ئىتى ئاغرىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا كۆرسۈتۈپ، ئىتىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن قارىغاندا سىز يەنە قەتئىي ھالدا ئادەم ئىتنى كۆندۈرگەن دەپ قارامسىز؟ نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىمۇ بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆندۈرۈش تارىخىدۇر. ئىنسانلار يېڭى تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆندۈرۈپ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تۈرلەرمۇ ئىنسانلارنى «كۆندۈرگەن»، ئۇلارنىڭ ئىزلىرى پۈتكۈل ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ساقلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى دۇنيانى ئورتاق گۈللەندۈرگەن.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى