تەرمىلەر

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى يازمىسى:

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

«پانزى ئالدامچىلىقى» (庞氏骗局) دېگەن سۆزنى نۇرغۇن كىشىلەر تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ياكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا «پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن نېمە؟

پانزى ئالدامچىلىقىنىڭ كېلىش مەنبەسى

تارىختا چارلېز پانزى ئىسىملىك بىر ئىتالىيەلىك بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۈچ ئاي ئىچىدە %40 پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ئاندىن يەنە بۇ خىل ۋەدە ئارقىلىق يېڭىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، يېڭىدىن ئۆزىگە مەبلەغ سالغانلارنىڭ پۇلنىڭ %40 ئېلىپ ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىگە مەبلەغ سالغان كىشىلەرگە پايدا قىلىپ بەرگەن، ئەڭ دەسلەپتىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن %40 پايدىغا ئېرىشكەن شۇڭا تەبىئىيلا بۇ مەبلەغ سېلىشنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قارىغان، چېپىپ يۈرۈپ بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە باشلىغان، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پۇلنى پانزىغا تاپشۇرۇشقا باشلىغان، پانزى بۇ ئۇسۇل بىلەن يېرىم يىل ئەتراپىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىنى ئۆزىگە قاراتقان.

ئەڭ ئاخىرىدا ئالدامچىلىق ئاشكارىلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دەسمايىسى قايتىپ كەلمىگەچكە «پانزى ئالدامچىلىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئالدامچىلىق ئەمەلىيەتتە قەدىمدىن تارتىپ بار بولۇپ، تالاي قىتىم پاش قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا تا ھازىرغىچە دۇنيادا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

مەيلى 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى دۇنيادا بولسۇن، «پانزى ئالدامچىلىقى» ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدۇ.

1 . ئالدى بىلەن، خەۋپ-خەتەر بىلەن پايدا-زىيان ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ، ئادەتتە مەبلەغ سىلىشتا خەۋپ-خەتەر بىلەن پايدا-زىيان ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. يەنى پايدا-زىيان بىلەن خەۋپ-خەتەر ھەممىسى مەۋجۇت بولىدۇ، لېكىن «پانزى ئالدامچىلىقى» بولسا ھەمىشە ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، بازارنىڭ نورمال سەۋىيەسىدىن يۇقىرى جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، خەۋپ-خەتەرنى تىلغا ئالمايدۇ.

2 . «پانزى ئالدامچىلىقى»نىڭ پايدا ئېلىش تۈرى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ھەقىقىي زاۋۇت ياكى ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان مەھسۇلاتى يوق، شۇڭا كونا مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەرگەن پايدىنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى باشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، شۇڭا داۋاملىق يىڭى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىزدىشى كېرەك.

3 . مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرى ئاشكارا ۋە ئېنىق بولمايدۇ، ئالدامچىلىقنىڭ يادرولۇق شەخسلىرى ئۆزىنى «مەبلەغ سېلىش تالانت ئىگىسى»، «مالىيە باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا ناھايىتى ئاز توختىلىپ سىرلىقلىقىنى ساقلايدۇ، «پانزى ئالدامچىلىق» تۈرى بولسا «مۇقىم پايدا ئېلىپ زىيان تارتمايدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

مىسال قىلساق، ھازىر «پانزى ئالدامچىلىقى»نىڭ ماھىيتى بويىچە ئالدامچىلار ئەپ دېتالى، توربەت قاتارلىقلاردا ھەرخىل ۋاستە ۋە تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆزىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىزدەپ، %30 ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بىرىدۇ، دەسلەپتە كىشىلەر ھەمىشە گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، ئارقىدىنلا بەزىلەر نەچچە يۈز يۈەن، نەچچە مىڭ يۈئەن مەبلەغ سېلىپ سىناپ باقىدۇ. نەتىجىدە ھەقىقەتەن كۆزلىگەن پايدىغا ئېرىشكەنلېكىنى بايقايدۇ، ئ‍اقىۋەت مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئېشىشقا باشلايدۇ، بەزىلەر نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا نەچچە مىليون مەبلەغ سالىدۇ، ئالدامچىلار ئارقىدا مەبلەغ سالغانلارنىڭ پۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىپ ئالدىدا كىرگەنلەرگە پايدا ئ‍ايرىپ بېرىپ بۇ ئالدامچىلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ ئالدامچىلىق قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا ئالدامچىلارنىڭ قولىدىكى چۆكمە مەبلەغ زورىيىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئازايىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئالدامچىلار قېچىپ كېتىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدامچىلارنىڭ تور بېكىتى ياكى ئەپ دېتالىنى ئاچالمايدۇ، شۇ چاغدا ئاندىن ئالدانغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ.

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

نېمە ئۈچۈن «پانزى ئالدامچىلىقى»نىڭ شۇنچە قەدىمىي ئالدامچىلىق تۇرۇپ يەنىلا قىزقتۇرۇش كۈچكە ئىگە، سەۋەبى يەنىلا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاچكۆزلۈك. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر يۇقىرى پايدىنىڭ بىكارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلار پەقەت «يەنە ئادەم توختىماي قوشۇلسىلا مەن پايدا ئالالايمەن، يامىنى كەلسە پۇل تېپىپ چىقىپ كەتسەملا بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەخمەقلەر بۇ ئويۇنغا قوشۇلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭمۇ شۇ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، «پانزى ئالدامچىلىقى» دېگىنىمىز «شەرقىي تامنى چېقىپ غەربىي تامنى تولۇقلاش» دېگەنلىكتۇر. يەنى بىزنىڭ يەرلىك تىلدا ئېيىتساق «ئۇنىڭ شەپكىسىنى بۇنىڭغا كەيگۈزۈش» دېگىنى شۇ.

«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن زادى نېمە؟

مەبلەغ سالغۇچىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

1 . تەننەرخ ئۇقۇمى بولۇشى كېرەك. مال سېتىۋالغاندا ئەگەر ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەندە كىشىلەر ئىككىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ھەقىقىي مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىمۇ ئۇنچە تۆۋەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن «پانزى ئالدامچىلىقى» ھەمىشە يۇقىرى پايدىنى سۆزلەپ باشقىلارنى ئالدايدۇ.

2 . ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق كېرەك، بەزىلەر تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئويلايدۇ، «پانزى ئالدامچىلىقى»مۇ دەل كىشىلەرنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىدىن پايدىلانغان.

3 . كەسپىي خادىملاردىن سۈرۈشتۈرۈش. پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقاندا ھاياجانلانماسلىق، «پۇرسەت غەنىمەت» دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىق كېرەك. كىچىك سوۋغات، ئادەمگەرچىلىك، داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەۋسىيەسى قاتارلىقلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ھازىرلىمىساق ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قارار چىقارساق بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى