تەرمىلەر

ساۋ ساۋ شېئىرلىرىدىن: «ئۆمۈر مەنزىلى»

ئۆمۈر مەنزىلى

« ساۋ ساۋ »

ئىچ شاراب ئېيتقىن غەزەل، بەك قىسقىدۇر ئۇشبۇ ھايات،

ئازغىنە سۈرگەن ئۆمۈردە كۆپ ئىكەن دەرد-مۈشكىلات.

جۇش ئۇرار دىللاردا مەردلىك، چىقمىغاي ئەستىن ئازاب،

قايغۇدىن بولغاي خالاس، ئىنسان پەقەت ئىچسە شاراب.

زېھنى ئۆتكۈر دانىشلارغا ئەيلىدىم چەكسىز ھەۋەس،

شۇ سەۋەبتىن ئىنتىزارلىق ئورنىدى دىلغا پەۋەس.

ئوتلىشار شۇنداق خۇشال بۇغا-مارال چۆپلەر ئارا،

ئەڭ ئەزىز مېھمان بىلەن سازلار چېلىپ قىلدۇق ناۋا.

ئالغىلى بولغاي قاچان ئاسماندىكى ئاينى يۇلۇپ،

دىلدىكى ھەسرەت-ئازابقا سالغىلى بولماس قۇلۇپ.

سەن چىغىر يولنى بېسىپ كەلدىڭ يىتىپ كۆرمەي مالال،

مۇڭدىشىپ ئىچتۇق شاراب، دىلدا مېھىر تاپتى كامال.

ئاي ئېنىق، يۇلتۇز غۇۋا، ئۇچتى سېغىزخان پەس تامان،

ئايلىنىپ ئۈچ رەت دەرەخنى، تاپمىدى قونداق-ماكان.

تاغ ئىگىز، دەريا تېرەن بولماققا تەشنادۇر پەقەت،

ئەيلىسەڭ ئاقىلنى ھۆرمەت، ئەل ساڭا مايىل ئەبەد.

ساۋ ساۋ شېئىرلىرىدىن: «ئۆمۈر مەنزىلى»

ساۋ ساۋ شېئىرلىرىدىن: «ئۆمۈر مەنزىلى»

ساۋ ساۋ شېئىرلىرىدىن: «ئۆمۈر مەنزىلى»

ساۋ ساۋ شېئىرلىرىدىن: «ئۆمۈر مەنزىلى»

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى