ساغلاملىق

چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئون كىچىك ئىش

چىش دوختۇرلىرى تۇرمۇشتىكى قايسى كىچىك ئادەتلەرنىڭ تەدرىجىي يىغىلىپ چىش، ئېغىز بوشلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا «MSN» تور بېكىتىنىڭ ساغلاملىق قانىلى بەزى چىش دوختۇرلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى يەكۈنلەپ، كىشىلەرنىڭ چىشنى زەخىملەندۈرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئەسكەرتتى.

چىش

1. مۇز پارچىسى چايناش. ھاۋا ئىسسىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىملىك ئىچىپ بولۇپ، ئېشىپ قالغان مۇزنى «بوش قويۇۋەتمەيدۇ». مۇز چايناش چىشنىڭ يوشۇرۇن يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دائىم چىشنىڭ تۈۋىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چىش ئاغرىقى ياكى ئەڭ ئاخىرىدا يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكىلىق چىش دوختۇرى پېتىر ۋانستوۋ سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە نەيچە ئىشلىتىپ، مۇز سۈيىنىڭ چىشنى بىۋاسىتە غىدىقلىشى ياكى مۇز پارچىسى چايناشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.

چىش

2.لىمون يېيىش. لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول، لېكىن ئۇنىڭ كىسلاتالىقىنىڭ چىشقا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. ئامېرىكا نىيۇيورك چىش دوختۇرى ۋىكتورىيە ۋىتسمان دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى كىشىلەرنىڭ لىمون ياپراقچىسى شوراش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ چىش ئېمال ماددىسى چىرىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ نورمال كىسلاتالىق ئىشقارلىق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالا

3. كەمپۈت ۋە قەنت-گېزەكلەر. ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى چىش دوختۇرى لانا روسېنبېرگ دوكتورنىڭ قارىشىچە، قاتتىق كەمپۈت باشقا قەنت-گېزەكلەرگە قارىغاندا چىشىنى تېخىمۇ زەخىملەندۈرۈدىكەن، ئۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئېرىدىكەن. بەزى «ئالدىراڭغۇ»لار كەمپۈتنى چىشلەپ ئېزىۋېتىدۇ، بۇمۇ چىشىنىڭ يوشۇرۇن يېرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.

كەمپۈت

4. بەرەڭگە ياپراقچىسى يېيىش. دوكتور روسېنبېرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەرەڭگە ياپراقچىسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ چىش ساغلاملىقىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن. كىراخمال ئېغىز بوشلۇقىدا قەنتكە ئايلىنىپ، چىش ئارىلىقلىرىغا قىسېلىپ قالىدۇ، ئۇ چىش باكتېرىيە دېغىنىڭ ئەڭ ياخشى «ئوزۇقلۇقى» ھېسابلىنىدۇ.

5. بوتۇلكا ئاغزىنى ئېچىش. بەزىلەر قۇلىدا بوتۇلكا ئاچقۇچ يوق چاغدا كۆپ ھاللاردا چىشى بىلەن ئاچىدۇ. ئامېرىكا لوس ئانژېلېس چىش دوختۇرى بىل دوفمان دوكتور مۇنداق دېگەن: «مېتال بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئاچساق، چىش ئوتتۇرىسىدىن سۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنى پەقەت چىش ياكى چىش تاجىنى تىككەندىلا ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. چىش بىلەن سولياۋ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى تولغاشمۇ ئوخشاشلا بولۇپ، ئېڭەك ئېگىلىپ كەتسە چايناش مۇسكۇلى ۋە بوغۇمغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، تۆۋەنكى ئېڭەك بوغۇمىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چىش

6. ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان چىش چوتكىسى. دوفمان دوكتور باشقىلارنىڭ چىش چوتكىسىنىڭ باكتېرىيە بىلەن تولۇپ كەتكەنلېكىنى، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باكتېرىيەلەر چىش چوتكىسى ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.

چىش چوتكا

7. تىرنىقىنى چىشلەش. دوكتور روسېنبېرگ مۇنداق دېدى: تىرناقنى چىشلىگەندە ئۇدۇل چىشنىڭ گىرۋىكى تۈزلىنىپ، ئۇپرىشى تېخىمۇ تېزلىشىپ، چىش ئېمال ماددىسى يېرىلىپ، چىشنىڭ سەزگۈرچانلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. تىرناقنى چىشلىگەندە ئېڭىكىنىڭ بېسىلىشى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەمنى چىشىنى غۇچۇرلىتىشقا تېخىمۇ ئامراق قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز چىشىنى چىشلەپ، ئەتراپتىكى بوغۇم، مۇسكۇللارنىڭ ھەممىسى چېتىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

چىش

8. قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى چىشلەش. ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە دائىم ئاڭسىز ھالدا قەلەم، سىزغۇچ قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى چىشلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا چىشقا دەز كېتىش ياكى سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى كۆپ باكتېرىيەلەرمۇ ئېغىزدىن كىرىپ كېتىدۇ. ۋانستېۋ دوكتور مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەگەر كونترول قىلىش تەس بولسا، شېكەرسىز سېغىز چايناشقا بولىدۇ.

9. تۆشۈك تېشىش. ھازىر كالپۇكى ياكى تىلى تېشىلگەن «مودا تاشقىن ئادەم»لەر ئاز ئەمەس. بۇ چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىگە ئاستا خاراكتېرلىك زىيان يەتكۈزۈپ، چىشنىڭ سۇنۇپ كېتىشى ياكى چۈشۈپ كېتىشىنى، چىش مىلېكىنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10. تاماكا چېكىش. تاماكا ئېغىز بوشلۇقى راكى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە چىشنى سارغايتىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى