يېمەك-ئىچمەك

ئاپېلسىننى كۆپ يېسە راستتىنلا ئاسان ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

قىش كېلىشى بىلەن ئاپېلسىن يەيدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى، بازاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەر خىل جۈزىلەر كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.

ئاپېلسىن ۋىتامىنC ۋە كاروتىننىڭ ۋەكىللىك يېمەكلىكى

ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مىقدارى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كاروتىن مول بولغان ۋەكىل خاراكتېرلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 گرام ئاپېلسىن تەركىبىدە 890 مىكروگرام كاروتىن بار بولۇپ، ۋىتامىنC مىقدارى 28 مىللىگرامدۇر.

كاروتىن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ مۇكەممەللېكىنى قوغداپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ۋىتامىنC ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاناش، مەسىلەن: چىش مىلىكى قاناش، تېرە ئاستىدىكى چېكىتسىمان قاناش، چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى كۆرۈنەرلىك.

ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل يېمەكلىك تالالىرى بار، مېۋە يېلىمى(پېكتىن) ئۇنىڭ ئاساسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، بۇمۇ مېۋىنى كۆپ يېسە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر، ئاپېلسىن تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، ماگنىي، تۆمۈر، سىنك، سېلىن قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

ئاپېلسىن تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرالايدۇ

ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كىسانتوفىل، كۆممىقوناق فىلاۋىنى ۋە β-كرىپتوكسانتىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كاروتىن مول. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كاروتىنوئىد سۇپېرئوكسىد ئەركىن رادىكالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

فلاۋىن تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر ئىچىدىكى يەنە بىر خىل بىئو ئاكتىپ ماددا بولۇپ، ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، قىل قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكىنى تۆۋەنلىتىش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، قان پىلازمىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى چەكلەش قاتارلىق رولى بار.

ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىل ئاچچىق تەم ماددىسى لىمون ئاچچىق ماددىسى تۈرىدىكى بىرىكمە بولۇپ، بۇمۇ يوۋزى ۋە لىموننىڭ ئازراق ئاچچىق تەمگە ئىگە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل بىرىكمە جىگەر راكى، ئىنچىكە ئۈچەي راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە تېرە راكىنى تىزگىنلەيدۇ، يەنە ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش ۋە تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

«ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» سورتىغا قاراپ پەرقلىنەمدۇ ئامال بار مېۋىسىنى تولۇق يەپ، يېمەكلىك تالالىرىنى ساقلاش كېرەك

ئاپېلسىن بىر گۆھەردۇر، پىشقان ئاپېلسىننىڭ پوستىدىن بىر خىل جۇڭيى دورىسى —— چېنپىنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئۇ يەلنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ.

ئەل ئارىسىدا ئاپېلسىننى كۆپ يېسە ئاسانلا «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار، ھازىرقى زامان تېببىي تەجرىبىسىدىن بايقىلىشىچە، «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا بىر خىل ياللۇغنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاقسىل بولۇپ، ئورگانىزمدا «قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش» ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەمما ئاپېلسىننى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ، سورتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، چېنزى بىلەن يوۋزىنىڭ ھەتتا «ئىسسىقنى ياندۇرۇش» رولى بار.

ئاپېلسىن تۈرىنىڭ يېگىلى بولىدىغان قىسمىنىڭ سۇ تەركىبى %86.9نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىشقا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاپېلسىن شەربىتى، لىمون شەربىتى، چېڭزى شەربىتى. ئەمما لىموندىن باشقىسىنىڭ مېۋە گۆشىنى ئامال بار پۈتۈنلەي يېيىش كېرەك، چۈنكى شەربەت چىقىرىش جەريانىدا يېمەكلىك تالالىرى ئاساسىي جەھەتتىن چىقىرىۋېتىلسە، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسانلا ئارتۇق قەنت مىقدارىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى