يېمەك-ئىچمەك

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

نۇرغۇن نازۇ نېمەتلەر ئۇچرىشىپ تۇرۇقلۇقمۇ «سېرىق ماي»(黄油) دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا، نۇرغۇن كىشلەر تۇرۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ غەربچە تاماق ئېتىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئۇنى دائىم خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ ياكى قانداق نەرسە ئىكەنلىگە قىزىقىپ قالىدۇ، ھەمدە كاللىسىغا دەرھاللا: «بۇ چەتئەللىكلەر دائىم كۈندە ئۈچ ۋاق تامىقىغا قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆردىغان بۇ نەرسە زانى قانداق نەرسىدۇ؟» دەيدىغان خىيال كېلىپ قالىدۇ. ئەمەليەتتە ئۇ چەتئەللىكلەر بولكىغا قىستۇرۇپ يەيدىغان سېرىق ماي بولسا سۈتتىن ئايرىپ ئېلىۋېلىنغان ماددىدۇر.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

ئېنىقىراق قىلىپ ئېيتقاندا، «سېرىق ماي» ھەرگىزمۇ سۇيۇق ھالەتتىكى ماي بولماستىن، بەلكى بىر خىل قاتتىق ھالەتتىكى ماي بولۇپ، يۇمشاق ھەم سىلىق، سۈتنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، ياغ مىقدارى %80تىن ئاشىدۇ، قالغان تەركىبى سۇ ،خولېستېرىن، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ھەر خىل ماددىلاردىن ئىبارەت.

دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك بولغاچقا، تەركىبىدە تۇزنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئوتقا قاقلانغان يېمەكلىكلەر، چۈرۈك يېمەكلىكلەر،دېگەندەك قاقلىنىپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك. مەسىلەن، بولكا، ھامبورگ بولكىسى، ساندۋىچلارنىڭ ئارىسىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا كالا گۆشىنى مايدا پىشۇرغاندا، ھەتتا تۇخۇم قورۇغاندىمۇ ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

سېرىق ماي: «ھايۋانات سېرىق مېيى ۋە ئۆسۈملۈك سېرىق مېيى»دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

نورمال ئەھۋالدا، سۈتتىن ئايرىۋېلىنغان سېرىق ماينى «ھايۋانات سېرىق مېيى»دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر خىل«ئۆسۈملۈك سېرىق مېيى»مۇ بار. ئۇ سۈنئىي پۇراقلىق ماتېرىياللارنى سېرىق ماينىڭ پۇرىقىغا تەقلىد قىلىپ، يەنە«بىر قىسىم ھىدروگېنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۆسۈملۈك مېيى»غا قوشىدۇ، تەمى ھايۋانات سېرىق مېيىنىڭ تەمى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن يەنىلا تەمى سەل ناچارراق، شۇڭا ئۇ يەنە «سۈنئىي سېرىق ماي»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

لېكىن، كۆپچىلىك يەنە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەككى، مەيلى ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات بولسۇن، مەيلى قايسى خىل سېرىق ماي بولسۇن ھەممىسى يۇقىرى ئىسسىقلىق كالورىيەسىگە ئىگە يېمەكلىككە كىرىدۇ، شۇڭا تەن ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن زىيادە تويۇنۇپ كەتمەڭ، چوقۇم ھالىڭىزغا بېقىپ يەڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىدا كۆرۈشىڭىز، ياكى ئۆلۈپ كەتكۈچە سېرىق مايدىن نەپرەتلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

ئەلا سۈپەتلىك سېرىق ماينى قانداق تاللاش كېرەك؟

ناھىيەسىگەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىقلار رايونلىرىمىز چارۋىچىلىق رايونلىرى بولسىمۇ، لېكىن كىلىمات قۇرغاق، قۇملىشىش ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن سۈت باھاسى ئانچە ئەرزان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېرىق ماي بەربىر باشقا رايونلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدە «كۆلەملەشكەن كەسىپ زەنجىرى»نى شەكىللەندۈرەلمىدى.

شۇڭا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سېرىق ماي ئىچىدە ئۆسۈملۈك سېرىق مېيىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ، ئەمما ھايۋانات سېرىق مېيىنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپىنچە چەت ئەللەر (ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر)دىن ئىمپورت قىلىنىدۇ.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

ھەر بىر دۆلەتنىڭ ياساش ھۈنەر سەنئىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، سۇ تەركىبى، ئېچىتىش جەريانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن سۈت پۇرىقى روشەن بولسىلا، ئۇ يەنىلا «ئەلا سۈپەتلىك» بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

چەتئەللىكلەر دائىم يەيدىغان «سېرىق ماي» زادى قانداق ماي؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى