ساغلاملىق

ماشىنا ئادەم ئەيدىز بىمارىنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدى

ئىلگىرى ئەيدىز بىمارلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش دوختۇرلارغا نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، خەتىرى يۇقىرى مەشغۇلات بولۇپ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بار ئىدى. يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋىنچى ناملىق 4-ئەۋلاد ماشىنا ئادىمى كارامىتىنى كۆرسەتتى، دوختۇرلار ماشىنا ئادەم بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، ئەيدىز بىمارى بىلەن ئۇچراشماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسى قىلدى، ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، بىمار 2-ئاينىڭ 1-كۈنى دوختۇرخانىدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە شېنجېن شەھىرىدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان «ئەيدىز + ئۆپكە راكى» ئوپېراتسىيەسى ئىكەن.

ماشىنا ئادەم ئەيدىز بىمارىنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدى

بىمار ليۇ خانىم نەچچە يىل ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئوتتۇرىسىدا تۇيۇقسىز يول مېڭىشى قىيىنلىشىپ، پۇتىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، ئۇ يۇرتىدىكى بىر دوختۇرخانىغا كۆرۈنگەندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەخسۇس ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان شېنجېن شەھەرلىك 3-دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاندى، نەتىجىدە ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى ئېنىقلاندى. كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چياۋ كۈن ليۇ خانىمنىڭ كېسىلىنى كۆردى، باھالاش ئارقىلىق بىمارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بىر قەدەر ياخشى كونترول قىلغانلىقى، ۋىرۇس توشۇلۇش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، چياۋ كۈن داۋىنچى ناملىق ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بىمارنىڭ ئۆپكىسىنىڭ سول ئاستى قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى، ئوپېراتسىيەدە چىققان قاننىڭ مىقدارى ئاران 20-30 مىللىلېتىر بولۇپ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇ شېنجېن شەھىرىدە ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى «ئەيدىز + ئۆپكە راكى» ئوپېراتسىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

ماشىنا ئادەم ئەيدىز بىمارىنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدى

چياۋكۈن مۇنداق دېدى: تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ماشىنا ئادەم ئارقىلىق بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا، ئۆزىنى خۇددى ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلاردىكى ماشىنا ساۋۇتنى كىيگەندەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، ئادەتتە قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلىدىكەن. مەسىلەن، بۇ ئوپېراتسىيەدە ئىششىپ قالغان بىر لىمفا تۈگۈنى ۋە قان تومۇرلار بەك چىڭ چاپلىشىپ قالغانىدى، ئەگەر ئادەتتىكى بوشلۇق ئەينىكى ئىشلەتسە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ئېلىۋەتكىلى بولاتتى، يەنە تېخى قان جىق چىقىش كېتىش خەۋپى بار ئىدى. ئەمما ماشىنا ئادەمنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىش ناھايىتى ئاسان بىر تەرەپ قىلىندى، ھەتتا قان تومۇردىكى قاننىڭ ئېقىشىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولدى. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىمارنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى تېخىمۇ بىخەتەر ئېلىپ بارغىلى، تېببىي خادىملارنىڭ قان بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى