ساغلاملىق

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ مۇنداق قىيىنچىلىقى بار: بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئ‍ۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالدىراپ-تېنەپ يۇيۇنۇپ، چېچىنى قۇرۇتمايلا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بۇ ئادەتنىڭ ئەمەلىيەتتە سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى
1. زۇكامداپ قېلىش
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چاچنىڭ ھۆللۈكتىن قۇرۇشقىچە نۇرغۇن ئىسسىقلىق كېتىدۇ، يەنى بىر گىرام سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىغا 500 كالورىيە ئىسسىقلىق كېتىدۇ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق تارقىتىش كۆپىيىپ، بەدەن سوغۇق ھېس قىلىدۇ، ئەگەر يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن توسۇلۇش، باش ئاغرىش، ھەتتا قىزىش قاتارلىقلار. شۇڭا چاچ قۇرۇمىغان ئەھۋالدا ئۇخلىغاندا، تېخىمۇ ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

2. باش ئاغرىش، باش قېيىش
باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، سۇ باش تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قالسا، باش تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ، ئادەتتە باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت چاچ نەم پېتى ئۇخلىسا، يەنە باش تېرىسى ئاستى ۋېنا تومۇرى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشى، ئۇزۇن مۇددەت باش چىڭقىلىپ ئاغرىشى، ھەتتا كۆزىنى ئاچالماسلىقى مۇمكىن.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

3. چاچ سۈپىتى زىيانغا ئۇچراش
نەم چاچنىڭ تۈك خالتىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئېچىلغان ھالەتتە بولغاچقا، چاچ نەم ئەھۋالدا ئۇخلىغاندا، چاچتا بىلىپ-بىلمەي كۆپ قېتىم سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، تۈك خالتىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە چاچ قۇرغاقلىشىش، چاچ ئۈزۈلۈپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

4. چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىش
كەچ سائەت 10دىن سەھەر سائەت ئىككىگىچە بولغان ۋاقىت چاچنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھۈجەيرە مېتابولىزمى ئەڭ جانلانغان ۋاقىت بولۇپ، شۇ چاغدا ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چاچ ئەتىگەن سائەت ئۈچتىن 10غىچە بولغان مەزگىلدە ئۆسىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تەر تۆشۈكچىلىرى بوشىشىش ھالىتىدە بولغاچقا، سۇ باش تېرىسىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالسا، يەل تۇرۇپ قېلىش، قان ئۇيۇپ قېلىش سەۋەبىدىن چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باش تېرىسىدە ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى، ياغ تەپچىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغلىرى پەيدا بولىدۇ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

5. باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى
ياستۇق ئۇزۇن مۇددەت ئۆي ئىچىگە تۇرغاچقا ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر چاچ قۇرۇماي تۇرۇپلا ئۇخلىسا، چاچتىكى سۇ تەركىبى ياستۇق ئىچىگە سىڭىپ، ياستۇق ئاسانلا نەملىشىپ ۋە كۆكىرىپ قالىدۇ. نەم مۇھىت باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق، بۇنداق بولغاندا ياستۇق باكتېرىيە ئۆستۈرگۈچكە ئايلىنىپ، تەر تۆشۈكچە ياللۇغى ۋە تېرە قىچىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. يۈز پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بۇ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ كىچىك ئاقىۋەت، لېكىن ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت بولسا يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش. ئەمەلىيەتتە نەم چاچتىن كېلىپ چىققان سوغۇق غىدىقلاش يۈز نېرۋىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قىسمەن جايلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈز پالەچلىنىش، كۆز، ئېغىز مايماق بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇخىل چىراي ئىپادىسىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ.

چاچ نەم ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ئالتە چوڭ زىيىنى

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى