ساغلاملىق

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى

ئەيدىز كېسىلى قوشۇلۇپ كەلگەن مېڭە ئىچىدىكى تۇبېركۇليۇزنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى مېڭە پەردە ياللۇغى تىپىدىكى، يەنە بىرى تۇبېركۇليۇز بىخلىما گۆش ئىششىقى تىپىدىكى. ئاساسلىق سەۋەب ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل بولغان شارائىتتا تۇبېركۇليۇز ئاچىماق تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېتلىق يېتەكلەش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە تۇبېركۇليۇزلۇق مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ، ئادەتتە مېڭە پەردە ياللۇغى ياكى مېڭە ياللۇغى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. تۇبېركۇليۇزلۇق مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا باش قىسمى چىدىغۇسىز ئاغرىيدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى

ئادەتتە سۈرەت ئىلىمى ئېلېكتىرونلۇق كومپيوتېردىكى ئۈزۈلمە قاتلاملىق تەسۋىر چۈشۈرۈش (CT) ۋە ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش (MRI) ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن كېيىن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئەسلىگە كېلىشىگە ئ‍ەگىشىپ، تالا توقۇلمىسى تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئوراپ، ئاخىرىدا بىخلىما گۆش ئىششىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭدا كالتسىي چۆكمىسى پەيدا بولۇپ كالتسىيلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كالتسىيلىشىش پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىدۇ، يا قوبۇل قىلىنىدۇ، يا كالتسىيلىشىدۇ، كالتسىيلىشىش نورمال ئادەم ئورگانىزمىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسى.
لېكىن ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىدا تالالىشىش، كالتسىيلىشىش جەريانى بولمايدۇ، پەقەت مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە مېڭە ياللۇغى شەكلىدىلا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك بولغاچقا ساقىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. بىرىنچى باسقۇچتىكى ساقىيىش كېچىكتۈرمە ساقىيىش بولۇپ، ئىممۇنىتېت سەۋىيەسى نورمال كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەندىلا ئاندىن ساقىيىشقا يۈزلىنىدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى

ئەيدىز كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۇبېركۇليۇزلۇق مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ CT ۋە ماگنىتلىق رېزونانسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش MRI دىكى ئىپادىلىرى
تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى ئاساسلىقى چوڭ مېڭىنىڭ يۇمشاق مېڭە پەردىسىنىڭ قېلىنلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ، CTدا تەكشۈرگەندە بىنورمال ئىپادىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە تەسۋىر كۆچۈرۈشنى كۈچەيتكەندە، چوڭ مېڭىنىڭ گۈمبەزسىمان يۈزىدە مېڭە پەردىسىنىڭ قېلىنلاپ كەتكەنلىكى ياكى چوڭ مېڭىنىڭ باش سۆڭەك تۈۋىدە، بولۇپمۇ تۆت قاتلانما تەنچىلىك كۆلچەك رايونىدا مېڭە پەردىسىنىڭ قېلىنلاپ كەتكەنلېكىنى، ھەتتا ياللۇغ خاراكتېرلىك سىرغىپ چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۈچەيگەن ۋاقىتتا بەزى T1 تۆۋەن سىگنال، T2 يۇقىرى سىگنال ياكى قاتارلىق سىگناللار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى

ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە ياللۇغىنىڭ ئىپادىلىرى
تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى ئاساسلىقى چوڭ مېڭىنىڭ قىسمەن جايلىرىنىڭ ئىششىشى بولۇپ، CTدا مېڭە ئىچكى ئېرىقچىسىنىڭ تارىيىشى ئىپادىلىنىدۇ، چوڭ مېڭە ئىششىيدۇ، ئاساسلىقى جىلغا ئىچىنىڭ تارىيىشى ھېسابلىنىدۇ. CTدا تۆۋەن زىچلىقتىكى رايونلاردا كۆرۈلىدۇ، ئەگەر يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، ئەگەر ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نورمال بولغان ئەھۋالدا، بەزى بىخلىما گۆش ئىششىقى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ئىممۇنىتېت كۈچى سەل يۇقىرىراق بولسا، ئۇ بىر يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، كەينىدىكى كۆپىيىش، ئۆسۈش، تالالىشىش، كالتسىيلىشىشتەك تەرەققىيات جەريانى بولمايدۇ. ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل بولغانلىقتىن، بىرلىشىپ يۇقۇملىنىشنى داۋالاپ ساقايتىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ ھەمدە بىمارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى تۇبېركۇليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى

قىسقىسى، قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزنى كونترول قىلىشتا، ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزنى، ئۆزىمىزنى مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكىمىزنى، بەك ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز! گەرچە داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئايرىم كېسەللىكلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ دەپ قارالماقتا، بىراق بالدۇر بايقالسا ھەم ۋاقتىدا قېلىپلاشقان داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئۆمرى قىسقىراپ كەتمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى