ساغلاملىق

ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئادەتتە بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئاغرىق دەپ بۆلۈنىدۇ.

بىرلەمچى ئاغرىق كۆپىيىش سىستېمىسىدا ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئىككىلەمچى ئاغرىقنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتىك. يەنى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە مۇنچاق گۆش ئۆسۈش، داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىش، بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشى ۋە تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش قاتارلىقلار.

ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

شۇڭا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش سەۋەبىنى ئاۋال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئىچسە بولىدۇ.

ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىشتىن سىرت، يەنە قانداق ئىشلار ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ؟

1. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، قايناقسۇ ئىچىش

ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى يېنىكلىىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئاغرىقنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ، قورساق قىسمىنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاپ، قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئاغرىقنى يېنىكلىتىدۇ.

2. ھەيز مەزگىلىدە بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشمۇ ئاغرىقنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق:

زەنجىۋىل تالقىنى: زەنجىۋىلنى ئېزىپ بىۋاستە يېسە ياكى قارا شېكەر، ھەسەل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

تەركىبىدە سىنىك بولغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن قۇلۇلە قېپى تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن مۇلى، سەدەپ قۇلۇلىسى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن كاۋا ئۇرۇقى، ياڭاق قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.

ۋىتامىن B1: قارا ئاشلىق ۋە كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

بېلىق: سالمون، تۇننۇس، شەمشەر، تاسما بېلىق ۋە يېلانبېلىق قاتارلىقلارنى ھوردا پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ.

3. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش: تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى خىل ئوزۇقلۇق ماددا مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، ئاغرىقنى يېنىكلىتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

4. داس سۆڭىكى گىمناستىكىسى ئىشلەش

بىرىنچى ھەرىكەت: يەنى ئىككى قول ۋە تىزنى يەرگە قويۇپ، ئىككى قولنى مۆرە كەڭلىكىدە، ئىككى پۇتنى بەلنىڭ كەڭلىكىدە ئېچىپ، باش ۋە بەلنى تۆۋەن سېلىپ، بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىش.

ئىككىنچى ھەرىكەت: ئىككى قولنى ئاستا-ئاستا ئالدىغا سوزۇپ، كىچىك بىلەكنى ئامال بار يەر يۈزىگە تىرەپ، كۆكرەك قىسمىنى ئاستا-ئاستا يەر يۈزىگە چاپلاپ، كۆكرەك ۋە پۈتۈن بەدەننى سوزۇپ بېرىش كېرەك.

5. ئەركىن-ئازادە كېيىنىش

قورساق قىسمىنى قىسىۋالىدىغان زىيادە تار كىيىملەرنى كىيگەندە، قورساق قىسمى بېسېلىپ، ھەيز ئاغرىتىش ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. بەزى قىزلار بېلىنى ئېگىپ، قولى بىلەن ھەدەپ قورسقىنى بېسىپ ئاغرىق توختىتىشنى ئويلايدۇ، بىراق بۇ خاتا ئۇسۇلدۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى