ساغلاملىق

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

قىش پەسلى يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلاردا تاسادىپىي ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، يۈرەك كېسىلىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىسا ئاندىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، كىلىنىكىدا بىر قىسىم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولمايدۇ، ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

يۈرەك تىقىلمىسى قوزغىلىش سىگنالى
تەرلەش، مەيدىسى داۋاملىق ئاغرىش، دۈمبىسى ئاغرىش
❤ئەر بىمارلاردا: سىجىل كۆكرەك ئاغرىش (%67) ۋە كۆپ تەرلەش (%70)؛
❤ئايال بىمارلاردا: رادىياتسىيەلىك ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، كۆپ قۇسۇش كۆرۈلىدۇ، كۆكرەك ئاغرىش ۋە قاتتىق تەرلەش نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ؛
❤ياشىنىپ قالغانلاردا: كېسەللىك ئالامىتى ئانچە روشەن بولمايدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياشانغانلاردا كېسەللىك قوزغالغاندا كۆكرىكى ئانچە ئاغرىمىسىمۇ، لېكىن كۆپ تەرلىگەندە دىققەت قىلىش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

بەدەننىڭ 10 يېرى ئاغرىسا، يۈرەك تىقىلمىسىدىن ھوشيار بولۇڭ!
كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى، لېكىن كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم يۈرەك تىقىلمىسى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى تىپىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىپادىسىمۇ تىپىك كۆكرەك ئاغرىقى بولماستىن، بەلكى بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىنىڭ ئاغرىقىكەن. بۇنىڭغا دائىم بىمارلار سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىم خاتا دىياگنوز قويۇش ياكى دىياگنوز قويۇلماي قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يۈرەك تىقىلمىسى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

1. يۈرەك ئالدى رايونى ئاغرىش
ئەگەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۈرەك ئالدى رايونى سىقىلىش خاراكتېرلىك ئاغرىش كۆرۈلسە شۇنداقلا 20 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشسىمۇ يەنىلا پەسەيمىسە، قارا تەرگە چۆمۈلۈش، چىرايى تاتىرىش، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئۆلەي دەپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ يۈرەك تىقىلمىسىدىن بېشارەت.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

2. كۆكرەك، سول مۈرە، سول قولتۇق ئاغرىش
يۈرەك كېسىلى سول بىلەك ۋە سول مۈرە ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ئوڭ بىلەككىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئادەتتە تېلىپ ئاغرىيدۇ، قاتتىق ئاغرىمايدۇ، ئادەتتە بىلەكنىڭ ئىچكى تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، چىمچىلاق ۋە نامسىز بارماققا تارقىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ مەيدىسى چىڭقىلىپ نەپىسى قىسىلغاندا، يۈرەك تىقىلمىسىدىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

3. كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارقا تەرىپى، بويۇن ئاغرىش
ئادەتتە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى تارىخى بار كىشىلەردە ئەگەر كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ كەينى، بويۇن قىسمى ئاغرىش، تۇتقاق خاراكتېرلىك چىڭقىلىپ ئاغرىش، كۆكرەك قىسمىدا روشەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇش ھەمدە مۈرە، بىلەك قىسمى قاتارلىق جايلارغا تارتىش ياكى رادىياتسىيە تارقىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى ئىكەنلىكىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

4. دۈمبە ئاغرىش
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىش ئالامەتلىرى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئاساسلىقى سىجىل كۆكرەك ئاغرىش ۋە تەرلەش؛ ئايال بىمارلاردا بولسا ئاساسلىقى رادىيوئاكتىپلىق ئاغرىش، ئارقا دۈمبە ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش كۆپ بولىدۇ، كۆكرەك ئاغرىش ۋە قاتتىق تەرلەش نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

5. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىش
روشەن سەۋەبى بولمىغان دېمى سىقىلىش، تۇيۇقسىز تومۇر سوقۇشى بەك تېز، بەك ئاستا ياكى تەكشى بولماسلىق، پۇت ـ قوللار توڭلاش، «ئاشقازان ئاغرىش» قاتارلىقلارمۇ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئېھتىماللىقىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئاشقازان ئاغرىقى»دا بېسىش، ئوتتەك قىزىش ياكى سىقىش سېزىمى بولىدۇ، بەزىلىرى سول مۈرە، دۈمبە ۋە سول بىلەكنىڭ ئىچكى تەرىپىگە تارقىلىدۇ.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

6. بويۇن، يۇتقۇنچاق ئاغرىش
گال ئاغرىش، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى ئاچچىق سېزىممۇ يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ بىر خىل تىپىك بولمىغان ئىپادىسى. يۇتقۇنچاق ۋە يۈرەكتىكى نېرۋىنى ئوخشاش بىر بۆلەك يۇلۇن نېرۋىسى ئىدارە قىلىدۇ، مۇسكۇلغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە ھاسىل بولغان كىسلاتالىق ماددا ۋە پولىپېپتىد تۈرىدىكى ماددىلار نېرۋىنى غىدىقلاپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە يۇتقۇنچاق نېرۋىسىغا تارقىلىدۇ. ئەگەر تۇيۇقسىز كېكىردەك قىسمى توسۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلسا ھەمدە نەپەس راۋان بولماسلىق، قارا تەرگە چۆمۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، زىققە كېسىلى ياكى يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشى بولمىسا، يۈرەك تىقىلمىسىنى ئويلىشىش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

7.ئېڭەك ۋە چىش ئاغرىش
ئاز ساندىكى ئەھۋالدا يۈرەك تىقىلمىسى چىش ئاغرىقى ياكى ئېڭەك ئاغرىشتا ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆپ ھاللاردا چىش ئاغرىقى بولۇپلا قالماستىن باشقا ئىپادىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇ كۆكرەك ئاغرىش، مۈرە ئاغرىش، سوغۇق تەرلەش، ئۆلەي دەپ قېلىش تۇيغۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل چىش ئاغرىقى ھەرىكەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئادەم تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا ئاغرىمايدۇ، يول ماڭسا ۋە ھەرىكەت قىلسىلا ئاغرىيدۇ ياكى توختىماي ئاغرىيدۇ.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

8. باشنىڭ يېرىمى ئ‍اغرىش
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ۋە يۈرەكتىكى نورمالسىزلىقنىڭ ھەممىسى ۋېگېتاتىپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يۈرەك تىقىلمىسىدا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كۆرۈلسە، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنقى قان تومۇرلىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىش مەزگىلىدە ئەگەشمە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

9. سول پۇت ۋە يوتا ئېرىقچىسى ئاغرىش
تۇيۇقسىز سول پۇتى قاتتىق ئاغرىسا ھەمدە مەيدىسى چىڭقىلىش، دېمى سىقىلىش ۋە تەرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

10. ئاغرىقسىز يۈرەك تىقىلمىسى
ئىلگىرى سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، دىيابېت كېسىلى ياكى مېڭە قان تومۇر كېسەللىك تارىخى بارلار، مەسىلەن: تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېزىقتۇرۇش سەۋەبى بولمىغان يۆتەل، دېمى سىقىلىش، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئايلىنىپ كېتىش ۋە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئاغرىقسىز يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ، دەرھال داۋالىنىش كېرەك. 60 ياشتىن ئاشقان ساغلام ياشانغانلار قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، پۈتۈنلەي كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان، ئاغرىمايدىغان يۈرەك تىقىلمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇ ئون يەردىكى ئاغرىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

9. چوڭ «جان ئ‍الغۇچى پەيت»دىن ئېھتىيات قىلىش!
1) ھاجەتخانىغا كىرگەندە كۈچەشتىن ساقلىنىش.
2) قورساق ئ‍اچ ۋە بەك تويۇنۇپ كەتكەندە، بەك قىزىق سۇدا ئ‍ۇزۇن يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش.
3) ھاراق ئ‍ىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك.
4) بەك ئ‍ۇزۇن ئ‍ولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ساقلىنىش.
5) سەھەردە ئ‍ويغانغاندا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇشتىن ساقلىنىش.
6) ئ‍اچچىقلىنىشتىن ساقلىنىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاش.
7) ياستۇقنىڭ راھەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بوينى قىسېلىپ قېلىپ خورەك تارتىشتىن ساقلىنىش.
8) بەك ئ‍ېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش.
9) كېسەل قوزغالغاندا ئ‍ۆز ئ‍الدىغا دوختۇرغا بېرىشتىن ساقلىنىپ، دەرھال تىنچ يېتىۋېلىپ 120دىن ياردەم سوراش.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى