ساغلاملىق

دىققەت! ئ‍ەيدىز بەلكىم ئەتراپىڭىزدىلا

بۈگۈنكى كۈندە تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن قولايلىق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردىن پايدىلىنىپ بەزى ناچار ئىشلارنى قىلىدۇ! خاڭجۇدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا ساقچىلار بىر ئەر بىر ئايالنىڭ جېدەللىشىپ بىر-بىرىگە قول تەككۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغان. ساقچىخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئايال ھېچنەرسە دېمەستىن توختىماي يىغلىغان، ئۇ ساقچىلارغا: «ئ‍ۇ مىنىڭ پۇلۇمنى ئالداپ ئېلىۋالدى، ئۇنىڭدا تېخى يەنە ئەيدىز كېسىلى بار ئىكەن، مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىمەن» دېگەن، ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ساقچىلارمۇ ھاڭ-تاڭ قېلىشقان، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟

دىققەت! ئ‍ەيدىز بەلكىم ئەتراپىڭىزدىلا

بۇ ئايالنىڭ فامىلىسى ۋاڭ، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن، ۋاڭ خانىمنىڭ يېشى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما قەلبى يەنىلا ناھايىتى ياش، ئ‍ۇ دائىم دېگۈدەك ياشلارنى دوراپ يېقىن ئەتراپتىكى كشلەر بىلەن دوستلىشىپ يۈرەتتى، ئ‍ۇ بۇ قېتىم 18 ياشلىق بىر يىگىت بىلەن تونۇشقان ۋە شۇ كۈنىلا ئىككىيلەن بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، بۇ ئىشتىن كېيىن ئەر ۋاڭ خانىمغا ئۆزىنىڭ شاڭخەيگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋاڭ خانىمدىن ئازراق يول خىراجىتى سورىغان، ھەمدە ۋاڭ خانىمغا شاڭخەيدە بىر مېھمانسارىيى بارلىقىنى، ۋاڭ خانىمنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ مېھمانساراينى باشقۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاڭ خانىمغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىشكە ماقۇل بولغان. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ۋاڭ خانىم ئۆزىدە بار بولغان 20 مىڭ يۈەننى ئ‍ۇ يىگىتكە بەرگەن، لېكىن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ۋاڭ خانىم ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، يىگىتتىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، پاراڭلىشىش جەريانىدا يىگىت ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقان.

دىققەت! ئ‍ەيدىز بەلكىم ئەتراپىڭىزدىلا

ئەمەلىيەتتە ۋاڭ خانىم ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان، يەنە 18 ياشلىق قىزى بار ئايال، لېكىن ۋاڭ خانىمنىڭ ئېرى ئەزەلدىن پۇل تېپىشنى ئانچە بىلمىگەچكە، ۋاڭ خانىم بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ناھايىتى نارازى بولغان ھەمدە باشقا ئەرلەر بىلەن دوسىتلىشىشىنى باشلىغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن، ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەپ، نەچچە كۈنگىچە ئىشتىھايى تۇتۇلۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتتىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ناچار بولغان، بۇ ئىشقا يولۇققان خەلق ساقچىلىرى ۋاڭ خانىمغا قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلمەي قالغان.
سوراق قىلىش ئارقىلىق ئەر تەرەپ ساقچىلارغا ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلى يوقلۇقىنى، ئاساسلىقى ۋاڭ خانىمنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ قويغانلىقىنى ئېيتتى، كېيىن خەلق ساقچىلىرىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، ئەر تەرەپ ۋاڭ خانىمنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ ئاخىرلاشقان.

ناھىيەسىگەرچە بۇ ئەر ۋاڭ خانىمنى قورقۇتۇپ قويۇش مەقسىتىدە ئۆزىنى ئەيدىز بىمارى دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەيدىز مەندىن ئىنتايىن يىراقتا دەپ ئويلاپ خاتا يوللارغا قەدەم ئالماڭ، بەزى چاغلاردا ئەيدىز پەقەت يېنىڭىزدىلا.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى