ساغلاملىق

بالىلاردا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بالىلاردا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى ئېلىمىزدىكى بالىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپىنچە ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوشۇرۇن بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولمىغاچقا، دائىم ئاتا -ئانىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىپ، قان ئازلىق ئېغىرلاشقاندا ياكى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئاندىن بايقىلىدۇ.

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى زور بولۇپ، بالىنىڭ بوي ئىگىزلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

قىزىل قان ئاقسىلى بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئوكسىگېننىڭ «توشۇغۇچىسى» بولۇپ، قان ئېقىمىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇيدۇ.

ئەگەر بۇ «توشۇغۇچى»نىڭ سانى ئازايسا، بەدەندىكى ئوكسىگېن ئازىيىدۇ.

ئوكسىگېن ئادەم بەدىنى ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى، ئۇ بەدەننىڭ ھەر خىل مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ، ئەگەر بەدەندە تۆمۈر كەم بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

تۆمۈر ماددىسى ئۆزىدە پەيدا بولمايدۇ، پەقەت سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا تايىنىدۇ.

نۇرغۇن ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، بولۇپمۇ كېيىنكى ئۈچ ئايدىكى قوبۇل قىلىش مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ، ياكى بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى، كۆپ بالىلىق بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىنىڭ تۇغما «تۆمۈر ماددىسى» يېتەرلىك بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولغاچقا، بەدەندە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى تېز خورايدۇ.

ئالتە ئايدىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئەگەر تۇخۇم سېرىقى، گۆش بوتقىسى، تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا قوشمىغاندا، بالىنىڭ بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى خورىغاندىن كېيىن تولۇقلانماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بوۋاقتا ئۇزۇن مۇددەت ئاستا خاراكتېرلىك قانسىراش ياكى پارازىت قۇرت، ئاستا خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەر بولسا، تۆمۈر ماددىسىنىڭ يوقاپ كېتىشى ياكى سۈمۈرۈلۈشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى