ساغلاملىق

كەيپىيات ناچار بولۇش ئاشقازان كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئاشقازان ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەزىم قىلىش ئەزاسى، ھالبۇكى ئاشقازان كېسەللىكى بولسا دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاشقازان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇزۇن مەزگىل ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئازابىنى تارتىدۇ، ئۇنداق ئازابنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش ناھايىتى قىيىن. ئەمما، كۆپچىلىك مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقىدىڭلارمىكىن، كەيپىياتىمىز ناچار، كەيپىياتىمىز تۆۋەن بولغاندا، ئاشقازىنىمىز بەك بىئارام بولۇپ، ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ. كەيپىياتىمىز ياخشىلانغاندا، روھىي ھالىتىمىز خۇشال بولغاندا، ئىشتىھايىمىز ياخشىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ.

كەيپىيات ناچار بولۇش ئاشقازان كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئەجەبا كەيپىيات ياخشى بولمىسا راستىنلا ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئاشقازان كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى. ئالاقىدار كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت، ئەگەر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۇزاق مۇددەت ناچار ھالەتتە تۇرسا، بىۋاسىتە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنن، ھەتتا ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئاشقازان كېسەللىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاشقازان كېسەللىكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورىنى ۋاقتىدا ئىچىپلا قالماستىن، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، يەنە ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ تۇتۇپ، ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.

ناھىيەسىگەرچە كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولمىسىمۇ، ئەمما كەيپىيات ھەقىقەتەن ئاشقازان كېسەللىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ بىر ئۆتكەل ئەمەلىيەتتە ئاشقازان كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ سالامەتلېكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. خۇددى جۇڭيى تېبابىتىدە ئېيتىلغاندەك، ھەسرەت چېكىش تالنى زەخمىلەندۈرىدىغان بولۇپ، پەقەت ئىشلارغا زىيادە باش قاتۇرماي، ئىمكانقەدەر ئۆزىنى خۇشال تۇتقاندىلا، ئاشقازان كېسىلىنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى، ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.

كەيپىيات ناچار بولۇش ئاشقازان كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

1. كەيپىيات كۆپلىگەن نېرۋا مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەيلى ئاكتىپ كەيپىيات بولسۇن ياكى چۈشكۈن كەيپىيات بولسۇن، ھەممىسى ئىختىيارسىز ھالدا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى كۆپلىگەن نېرۋا مەركىزىگە تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن: ئىشتىھانى كونترول قىلىش مەركىزى، ئۆزىنى كونترول قىلىش نېرۋا مەركىزى، ئاندىن يەنە نېرۋا مەركىزى سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئاشقازانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كەيپىيات ياخشى بولمىسا، سىمپاتىك نېرۋا ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئاڭسىز ھالدا كونترول قىلىدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بەك ئاز بولۇپ قالسا، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كەيپىياتىمىز ياخشى بولمىغاندا، تاماق مىقدارىمىزدا ئۆزگىرىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

كەيپىيات ناچار بولۇش ئاشقازان كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

2. پىسخىكىلىق داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم
كەيپىيات ياخشى بولماسلىق مەلۇم دەرىجىدە ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئاشقازان كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نوقۇل دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن پىسخىكىلىق داۋالاش ئوخشاشلا مۇھىم. ئەگەر كەيپىيات ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت چۈشكۈن ھالەتتە بولسا، چوقۇم ئاشقازاننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ. خۇددى بىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك، ئىجتىمائىي رىقابەت بېسىمىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر پىسخىكىلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغانلىقتىن ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ھالبۇكى پاسسىپ كەيپىيات ئاشقازان كېسىلىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىپ، پىسخىكا مەسىلىسى ھەل قىلىنمايلا قالماستىن، ئاشقازان ئەھۋالىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، ھەتتا داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرلارمۇ ئامالسىز قالىدۇ، مەيلى قايسى خىل داۋالاش لايىھەسى قوللىنىلسىمۇ ئاشقازان كېسىلىنى يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ.

كەيپىيات ناچار بولۇش ئاشقازان كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى