يېمەك-ئىچمەك

قىزىلگۈل چېيىنىڭ ئون چوڭ ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

قىزىلگۈل چېيىنىڭ ئون چوڭ ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

قىزىلگۈلنى نۇرغۇن ئاياللار ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ياخشى، قىزىلگۈلنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قىزىلگۈل چېيى ياسىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆپ.

تېرە ئاسراش

ئۇنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان، ئاياللار دائىم ئىچىپ بەرسە قورۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىدۇ، يەنە قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش رولىنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ناھايىتى ياخشى تەڭشەش رولىغا ئىگە، يەنە تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ يوغىناپ كېتىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرە پىگمېنتىنىڭ چۆكۈشىنى ئازايتىپ، رەڭلىك داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ، رەڭلىك داغنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە تېرە ھالىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.

قاننى تولۇقلاپ قۇۋۋەت تولۇقلاش

ئەتىرگۈل چېيىنى دائىم ئىچىپ بەرسە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق. بەزى ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاش رولى بار. قىزىلگۈل چېيىنى دەملىگەندە بىر نەچچە تال ئالقاتنى سالسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەر كۈنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەگەر يېقىندىن بۇيان كۆڭلىڭىز پاراكەندە بولسا، ئازراق قىزىلگۈل چېيىنى دەملەپ ئىچسىڭىز، كەيپىياتنى تەڭشەش رولىنى ئويناپ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئۇيقۇنى تەڭشەش

دائىم قىزىل گۈل چېيى ئىچىپ بەرگەندە ئۇيقۇنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، چۈنكى قىزىلگۈل تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، بەزى كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، قىزىل گۈل چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى بىئاراملىقنى پەسەيتىپ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىرگۈلنىڭ يەنە ئىسسىقنى پەسەيتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.

قىزىلگۈل چېيىنىڭ ئون چوڭ ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش

دائىم قىزىلگۈل چېيى ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلسە، كۆپ ئىچكەندە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ماينى سىيرىپ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر مايلىق، تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ماي كۆپىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئازراق ئەتىرگۈل چېيى ئىچىپ بەرسە ياغنى تۆۋەنلىتىپ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر رومكىدىن ئىچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيۇپ قالغان قاننى راۋانلاشتۇرۇش

ئەتىرگۈلنىڭ قېتىشمىلارنى تارقىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار، ئەگەر ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ھەيىز مەزگىلىدىن كېيىن ئازراق ئەتىرگۈل چېيى ئىچىپ بەرسە، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىشكە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.

ئىچكى ئاجراتمىنى تەڭشەش

دەم ئېلىشنىڭ قانۇنىيەتلىك بولماسلىقى ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە بەزى قىزىلگۈل چايلىرىنى دەملەپ ئىچسە، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئاياللار ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن سەمرىپ كەتسە، قىزىلگۈل چېيى ئىچىشمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

قىزىلگۈل چېيىنىڭ ئون چوڭ ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

ھارغىنلىقنى پەسەيتىش

بىر كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بىر قەدەر چارچايدۇ، بەل ۋە دۈمبىسى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ، دائىم قىزىل گۈل چېيى تەييارلاپ بەرسە بەدەننى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

رادىياتسىيىدىن ساقلىنىش

قىزىلگۈلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بار بولۇپ، ئەگەر بەزى دوستلار ئادەتتە كومپيوتېردىن ئايرىلالمىسا، كومپيوتېرنى كۆپ ئىشلەتسە، ئۇزۇن مۇددەت ناھايىتى زور رادىياتسىيەگە ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا قىزىلگۈل چېيىنى ئىچىشكە بولىدۇ، بۇ رادىياتسىيەدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش

دائىم قىزىلگۈل چېيى ئىچىپ بەرگەندە ياغنىڭ مېتابولىزمىنى تېزلىتىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. شۇڭا، دائىم ئىچىپ بېرىش ناھايىتى پايدىلىق. قىزىلگۈل چېيى خۇشپۇراق پۇراپلا قالماي، يەنە شۇنچە كۆپ ئۈنۈمگىمۇ ئىگە، لېكىن بۇ تۆت خىل كىشىلەر قىزىلگۈل چېيى ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ.

سەزگۈر بەدەن سۈپىتى

سەزگۈر بەدەنلىكلەرمۇ قىزىلگۈل چېيى ئىچىشكە بولمايدۇ، سەزگۈر بەدەنلىكلەر قىزلگۈل چېيى ئىچسە ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا ئېھتىيات قىلىڭ.

ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلار ئاز ئىچىشى كېرەك.

قىزىلگۈل چېيى ئىسسىقلىققا مايىل بولۇپ، ئەگەر دائىم ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىۋەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بولمىسا قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.

ھامىلدار ئاياللار ئىچسە بولمايدۇ.

قىزىلگۈل چېيىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولغاچقا، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئىچسە بولمايدۇ. كەم قانلىق ياكى تېنى ئاجىز كىشىلەرمۇ ئاز ئىچىش كېرەك.

يۇقىرىقى تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، قىزىلگۈل چېيىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا داۋاملىق ئىچىشنىڭ كۈتۈنۈش رولى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بەدەننى ئاسراشقا پايدىسى بار ئىكەن، لېكىن بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قىزىلگۈل چېيىنى ئامال بار ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى