ساغلاملىق

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زادى قانداق تاجاۋۇز قىلىدۇ؟
خولېستېرىن(胆固醇) بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتى قاتارلىق تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، خولېستېرىن ھەقىقەتەن يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بۇزغۇنچىلىق» قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئورىغۇچى پەردىسى خولېستېرىننىڭ ياردىمىدە ھۈجەيرە پەردىسى بىلەن «بىرىكىپ»، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تاجاۋۇز قىلىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

6000 خىلدىن ئارتۇق بىرىكمىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئالىملار يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ھەقىقەتەن خولېستېرىننىڭ ياردىمىدە ھۈجەيرىگە «تاجاۋۇز قىلىپ» كىرىپ، غايەت زور، ۋىرۇسلۇق بىرىكمە ھۈجەيرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟ خولېستېرىندىن پايدىلىنىپ، ۋىرۇس ھۈجەيرىگە «يوشۇرۇن» كىرىدۇ. ئالىملار يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ئۆپكىسىدە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان غايەت زور ھۈجەيرىنى بايقىغان.

بۇ خىل ھۈجەيرە قانداق پەيدا بولغان؟
ئالىملار ئالدى بىلەن يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە كىرىپ، ئادەم بەدىنىنى يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ كونكرېت جەريانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.(ۋىرۇس ئۆزىنى ھۈجەيرە پەردىسىگە قوشۇش ئارقىلىق ھۈجەيرىگە كىرىدۇ)

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

ئالدى بىلەن، ئۇلار ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ (سۆسۈن رەڭلىك) يۈزىدىكى ACE2 ئاقسىلىنىڭ ۋىرۇسنىڭ (يېشىل رەڭلىك) يۈزىدىكى تىكەنلىك ئۆسۈكچە ئاقسىلىغا ناھايىتى كىچىك «سەزگۈ قوللىرى»نى چىقىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى ھۈجەيرە قوشۇلۇشقا باشلاپ، ۋىرۇسنىڭ ئورىغۇچى پەردىسى «ئېرىش»كە باشلايدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

ئەڭ ئاخىرىدا ھۈجەيرىلەر ۋىرۇسنى ئوراشقا باشلايدۇ ھەمدە كېيىنكىسىنى تەدرىجىي «قوبۇل» قىلىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

شۇنىڭدىن كېيىن، ھۈجەيرىلەر يەنە داۋاملىق ئۆزئارا «يۇتۇپ»، تېخىمۇ زور ھۈجەيرىنى، يەنى ئاتالمىش «بىرىكمە ھۈجەيرىلىك تەنچە» نى شەكىللەندۈرىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

بۇ جەرياننى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئالىملار بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ بىرىكىشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىغان. ئۇلار تەخمىنەن 6000 خىل خىمىيەۋى بىرىكمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ۋىرۇسقا قارىتا 30 نەچچە خىل تىكەنلىك ئۆسۈكچە ئاقسىلىنى تەڭشىگەن.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

ئالىملار نەتىجىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئورىغۇچى پەردىسىدە خولېستېرىن كەمچىل بولسا، ۋىرۇس يۇقىرىقىدەك ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە كىرەلمەيدۇ.

ھۈجەيرىنىڭ بىرىكىشىنى مەنبەدىن توسۇش
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار بەزى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بارلىقىنى بايقىغان. 2020 – يىلى 14 – ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا مۇنت سىناي داۋالاش مەركىزى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: ھازىر بار بولغان بىر خىل خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكۈچى دورا غەيرىي نوببت تەجرىبىخانا تەتقىقاتىدا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تورمۇزلاپ، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

ئەينى چاغدا تەتقىقاتچىلار يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ نورمال خورىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىدە ماي يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆز تېنىدىن نۇسخىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما، ھېچقانداق ئالىم تەجرىبە ئىسپاتىنى تاماملىيالمىغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان تاتىڭ (他汀类) تۈرىدىكى دورىلار، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىكى خولېستېرىننى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن UC سان دىيېگو شۆبە مەكتىپىدىن كەلگەن كوللېكتىپ تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدە ۋىرۇسقا قارىتا ئىممۇنىتېت ئىنكاسى پەيدا بولغاندا، خولېستېرىننى خورىتىدىغان بىر خىل بىرىكمە ھاسىل بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل بىرىكمە ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىدىن كېلىدۇ. يەنى، ۋىرۇسنىڭ خولېستېرىن بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى بايقاش ئاخىر بۇ سىرنى يېشىپ چىققان.
شۇنىڭ ئۈچۈن خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ، چۈنكى ۋىرۇس ئورالمىسىدىكى خولېستېرىن، ئادەتتە ماكان ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ماددىلاردىن پايدىلىنىپ «ياسىلىدۇ».

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن خولېستېرىن، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى ئالداپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە «تاجاۋۇز قىلىپ» كىرىپ، ئاندىن ئاساسلىق ھۈجەيرە ئ‍ىچىدە داۋاملىق بىرىكىدۇ.

خولېستېرىن ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ

بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى تىپلىق ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «ئۆزئارا يۇتۇپ»، بۇ ھۈجەيرىلەردىكى ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئۆپكىدە «غايەت زور ھۈجەيرە» پەيدا قىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. ماينى نىشانلىق داۋالاش بولسا، ۋىرۇس قېپى بىلەن ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ بىرىكىش جەريانىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، خولېستېرىننىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ بايقاش ئالىملارنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى بايقىشىغا ياردەم بەرگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى