ساغلاملىق

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بىر يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى «چارچاپ» كېتىدۇ. نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرى قارىماققا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەت داۋالاپ ساقايتالماسلىقنىڭ سەۋەبى دەل بويۇن ئومۇرتقىسىدا.

بويۇن ئومۇرتقىسىدىن مەسىلە چىقسا، ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

1. سەكتە

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرىدا ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى قىسمەن بوغۇملار قالايمىقانلىشىپ ياكى كەينىگە سۈرۈلۈپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى غىدىقلاپ ياكى بېسىپ، ئىسپازمىلىنىپ، قىسقىراپ ياكى تولغىنىپ شەكلى ئۆزگىرىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى بىمارلاردا مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىشىپ، قان ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئاسانلا قان نۆكچىسى شەكىللىنىپ، سەكتە پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. باش قېيىش

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېخانىزمدىن ئىككىسى بار:

بىرى، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى سۆڭەك قىلتىرىقىنىڭ مېخانىكىلىق بېسىمىغا ئۇچراپ، تارىيىدۇ ياكى توسۇلۇپ قالىدۇ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغاندا، بۇ خىل بېسىم تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ؛

يەنە بىرى، بويۇن سىمپاتىك نېرۋىسىنىڭ غىدىقلىنىشىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدە بىر ئالدىنقى شەرت بار، يەنى باش ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بويۇن بىلەن بولغان ئورۇن مۇناسىۋىتى مەلۇم بىر ئالاھىدە نۇقتىدا تۇرۇپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ ياكى سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، باش قېيىشنىڭ قوزغىلىشى باش قىسمىنىڭ ئورنى بىلەن روشەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئورۇن خاراكتېرلىك باش قېيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

3. پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش

يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، ئارقا تىك تارىمۇشلار سۆڭەكلىشىش ياكى بويۇن ئومۇرتقا كانىلى تارىيىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن نېرۋا يىلتىزى ياكى يۇلۇننى بېسىۋالىدۇ، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، مېڭىش مۇقىم بولماسلىق، چوڭ-كىچىك تەرەت نورمالسىز بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا پالەچ بولۇپ قالىدۇ.

4. قۇلاق غوڭۇلداش، گاسلىق

بويۇن ئومۇرتقىسىدا ئورۇن ئالمىشىپ قېلىش يۈز بېرىپ، مۇناسىپ نېرۋا يىلتىزى ۋە قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىپ، ئىچكى قۇلاقنىڭ قان ئايلىنىشىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، قۇلاق غوڭۇلداش ئاۋازىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى يەنە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. ئۇيقۇسىزلىق

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىش، ئاۋتونۇمىك نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ئومۇرتقا ئارتېرىيىسىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار ئۇيقۇ قىيىنلىشىش، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

6. مۈرە ئەتراپى ياللۇغى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بويۇن نېرۋا يىلتىزى، سىنۇس ئومۇرتقا نېرۋىسى ۋە سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىپ، مۈرە بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولۇپ، بويۇن مەنبەلىك مۈرە ئەتراپى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

7. كېكىردەك مەسىلىسى

بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭەك بوغۇمى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملىنىش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى رېفلېكىسلىق ھالدا بويۇن مۇسكۇلىنى قوغداش خاراكتېرلىك ئىسپازمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويۇن ئالدى توقۇلمىسىنى تارتىپ ۋە بېسىپ، يۇتقۇنچاق قىسمى كېسەللىك ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

8. يۇقىرى قان بېسىم

ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل بىمارلارنىڭ باش قىسمى مەلۇم بىر بۇلۇڭغا يۆتكەلگەندە، گەۋدىلىك ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ياكى ئۆسۈپ قالغان ماددىلار بويۇن قان تومۇرلىرى، ئاداشقان نېرۋىلارنى بېسىپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رېفلېكسلىق ھالدا قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

9. مەيدىسى چىڭقىلىش، يۈرىكى سېلىش

بىر قىسىم يۈرەك سېلىش، كۆكرەك سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بىمارلاردا «بويۇن-يۈرەك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ مەنبەسى بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسى بولۇپ، كۆكرەك-دۈمبە خۇددى ئارغامچا بىلەن باغلانغاندەك، مەيدىسى چىڭقىلىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، ھەتتا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، بېشى قېيىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

10. كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش

ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى دائىم كومپيوتېرغا توغرىلىنىپ تۇرغاندا، كۆز بىئارام بولۇپ، نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاسانلا چارچاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز قۇرغاقلىشىپ، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە داۋالانغاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە، بويۇن ئومۇرتقىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. بۇ ئاساسلىقى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە ئاۋتونۇمىك نېرۋىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ئومۇرتقا-نېگىز ئارتېرىيىسىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭە گەجگە ياپرىقى كۆرۈش سېزىمى مەركىزىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئون خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بويۇن ئومۇرتقىسىنى قوغداش

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىزمەت قىلغان كىشىلەر دائىم بويۇن ۋە مۈرە قىسمىنىڭ سوزۇلما ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەزىلەر خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر توپى ئالدى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت باش ئېگىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ھەر 2 ~ 1 سائەتتە باش كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئىككى قولنىڭ كېرىلىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرسە ھەم ھارغىنلىقنى پەسەيتكىلى، ھەم بويۇن ئومۇرتقىسى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئەۋرىشىملېكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر يەنىلا قىلالمىسا، ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش كېرەك. قىسقىسى، ئامال بار ئۇزۇن ئولتۇرۇپ باش ئېگىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى شامالداپ قېلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قىش پەسلىدە بويۇننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، سىرتقا چىققاندا ئۆرە ياقىلىق چاپان كىيىش ياكى شارپا تاقاش كېرەك.

مۇۋاپىق ياستۇق تاللاش بويۇن ئومۇرتقىسىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەگرى سىزىقىغا ئاساسەن باش ۋە بويۇننىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بويۇن ئومۇرتقىسى مۇسكۇللىرىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، يىل ئاخىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىر قەدەر چارچاپ، ئاپتوموبىلدا ئاسانلا مۈگدەپ قالىدۇ، قاتناش قوراللىرىدا جىددىي تورمۇز تۇتقاندا، باش ئىنېرتسىيەگە ئەگىشىپ ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «قامچىسىمان» زەخىملىنىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئامال بار ئاپتوموبىلدا مۈگدىمەسلىك كېرەك.

بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش، ئەگەر بىئارام بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش، سالامەتلىككە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى