يېمەك-ئىچمەك

بادام بىلەن تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

بادامنىڭ تەمى تاتلىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ياغ مىقدارى مول، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ يۆتەلنى توختىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار.

بادام بىلەن تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

بادامنى كۆپ ئېستىمال قىلغاندا، ئۆپكە قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىققان يۆتەل، قۇرۇق بەلغەم بولۇش، ئېغىز بۇرۇن قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپالىق بولۇپلا قالماي، يەنە يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولىغا ئىگە. ناۋادا سوغۇقتىن بولغان بەلغەم بولسا، بادام ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تال ۋە ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

ئوخشاشلا، بادامنى كۆپ ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۈچەي قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتكە داۋا بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەنە نەپەس ئېلىشتا قېينىلىشتىن كېلىپ چىققان كۆكرەك سىقىلىش، زىققا كېسىلىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. لېكىن ئىچى سۈرۈپ قالغانلار بادام يېسە بولمايدۇ.

تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان قۇرۇق مېۋىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەمنى بوشىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

بادام بىلەن تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

(سۈرەتتە: ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ۋە تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى)

ئۆرۈك مېغىزى تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىغا قارىغاندا نېپىز ھەم كىچىك بولۇپ، رەڭگى ئېقىش، ماي تەركىبى ئاز، ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولسا تەمى ئاچچىق، بەلگىلىك دەرىجىدە زەھىرى بار. تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنى بادام ۋە ياڭاق مېغىزى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، زىققا، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار