ساغلاملىق

چىش ئاسىراش

چىش پاستىسى چىشنى تازىلاش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز  بوشلۇقىدىكى سېسىق پۇراقلارنى يوقىتىش ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
چىش پاستىسىنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تۆۋەندىكى بىر  نەچچە خىل ماددىدىن ئىبارەت:

1. سوپۇن تەخمىنەن %5نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ چىشنى تازىلاش ھەم مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

2. كالىتسىي كاربونات پاراشوكى %80تىن %90نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئاساسلىقى چىش چوتكىلىغاندا سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

3. مۇناسىۋەتلىك ماددىلار، مەسىلەن گلىتسىرىن ياكى ھەر خىل دەرەخ يېلىمى تۈرىدىكى ماددىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

4. خۇش- پۇراق ماي تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن تاتلىق ماددىلار،  بۇلار ئاساسەن ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىنى بىلەن تېتىش سېزىمىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىر  قىسىم غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.

 

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى