ساغلاملىق

چاچنى ئاسىراش

چاچ ئاسىراش
1. زەنجىۋىلدىن 10گىرام ،چۆبىچىندىن 12گىرام ،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئادىراسمان ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 30گرامدىن ئېلىپ،باش يۇيۇلسا،چاچ كىپەكلىشىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
2.چاچ كېپەكلىشىشنى داۋالاشتا مەلھىمى سىماپ سۈرتۈلىدۇ.كۇيدۇرۇلگەن تاشپاقا قېپى،گۇگڭۇرتنىڭ ھەر بىرىدىن 30گرامدىن،كۆيدۇرۇلگەن كىرپە تىكىنى‹تېرىسى›20 گرام،كۇشتە قىلىنغان سىماپ،قۇستە يېغىنىڭ ھەر بىرىدىن 100 گرامدىن،چالا كۆيدۇرۇلگەن مۇزىدىن 50 گرام،زىغىر يېغىدىن 80 گرام، قۇينىڭ قۇيرۇق يېغىدىن150گرام ئېلىنىدۇ.سىماپ بىلەن ياخشى ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ياغلار مىس قازاندا چۇچۇتۇلگەندىن كېيىن،قۇي يېغى سېلىنىپ ئېرىتىلىدۇ.ئاندىن سىرلىق قاچىغا كۆكۇپ،سۇۋىغاندا،دۇرىلار ئاز-ئازدىن ئارلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ ۋە كۈندە بىر قېتىم باشقا سۇرتۇلىدۇ.قۇرۇق ئىسىق مىجەزدىكى كىشىلەر مىقدارىنى ۋە سۇرۇش قېتىم سانىنى ئازلاتسا بۇلىدۇ.
3.مەدەستان،ئۆچۇرۇلگەن ھاك،سۇلتان مېغىزى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سۇدا يۇمشاق ئېزىپ باشقا چېپىپ‹باشنى يۇيۇپ›،ئارقىدىن باشنى ئىلمەك پۇشتى يۇپۇرمىقى بىلەن تېڭىپ قۇيۇپ،ئۇچ سائەتتىن كېيىن يېشىۋېتىپ،ئىسىق سۇدا يۇيۇپ،ئارقىدىن ئامىلە يېغىنى چاپسا،چاچنى قارايتىدۇ.
4.بېشىڭىز كېپەكقىشىپ كەتسە،كاۋاۋىچىندىن 20گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ،3كىلۇگرام سۇدا قاينىتىپ،سۇنىڭ 32قىسمى قالغاندا دۇرا تىرپىنى سۇزۇۋېتىپ،ئۇنىڭغا 30 گرام ئاچچقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ،ئىلمان ھالەتتە بەشنى يۇسىڭىز‹بۇ ئۇۋسۇل ئۇچ قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ›ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
5.ئاچچىققسۇدىن 200مىللىلىتىر ئېلىپ 500مىللىلىتىر سۇ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ باشنى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ بەرسە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .باشنىڭ قىچىشىشىنى توختىتىپ باشتىكى كىپەكنى تۈگىتىدۇ.
6.جىگدە گۈلىنىڭ يېغىنى چىقىرىپ باشنى ياغلىسا چاچنى قارايتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ باشنىڭ قىچىشىشىنى پەسەيتىدۇ ئەگەر ئاقباش ئوت ئورۇقى ،ئوسما ئۇرۇقى ئەنجۈر قېقى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ جىگدە يېغىغا تەكشى ئارلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا كېسەللىككە بولغان تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
7.ھۆل پىننە بىلەن ھۆل ئوسمىنى ئېزىپ باشقا چېپىپ بەرسە باش كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ چاچنى ئۆستىرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
8.سېرىق ھېلىلىدىن 100گىرام ئېلىپ 300مىللىلىتىر سۇغا ئىككى سوتكا چىلاپ ئاندىن سۇس ئوت بىلەن قاينىتىپ تۇلۇق پىشقاندىن كېيىن 200گىرام شىكەر بىلەن مۇراببا تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 15گىرامدىن ئىستىمال قىلسا چاچنى ئۆستۇرگىلى ھىم قارايتقىلى بولىدۇ.
9.رەيھان ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ قاينىتىپ سۈزۇپ سۈيى سوۋۇغاندا باشنى يۇسا چاچنى تىز ئۆستۇرىدۇ باش قىچىشىشنى توختۇتۇپ باشتىكى مۇدۇرلارنى يوقۇتىدۇ.
10.لىمۇن سۇيى، ئاق قىچا يېغى، كۈنجۈت يېغى، ئامىلە يېغى، زەيتۇن يېغى، سىيادان يېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ تەڭ مىقداردا ئېلىپ،تەكشى ئارلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا،باشتىكى كېپەكنى يۇقىتىدۇ.چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،چاچنى پارقىرتىدۇ.
11.چاچنى ئالدۇرۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم يېغى بىلەن كۈندە باشنى ياغلاپ بەرسە تاقىر باشقا چاچ چىقىرىپ چاچنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ ۋە چاچ چۈشۇش چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
12.شاپتۇل مېغىزىنى كۆيدۇرۇپ،يېغىنى چىقىرىپ،باش قىسمىغا سۇرتسە،چاچنى ئۆستۇرۇپ،قارايتىدۇ.
13.لاچىندانىدىن 10 گرام،ناۋاتتىن 100 گرام ئېلىپ،سوقۇپ تاسقاپ،سۇپۇپ تەييارلاپ،كۈندە ئۇچ قېتىم،ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،چاچ ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
14.سىيادان،شاپتۇل مېغىزى،كۆك ياڭاقنىڭ سىرتقى پۇستى،ئانار ئۇرۇقى،ئۇسما ئۇرۇقى قاتارلىق دۇرىلاردا ئورتاق ياغ چىقىرىپ،باشقا چاچسا،باش كېپەكلىشش،چاچ چۇشۇش،چاچ يېرىلىش،چاچ ئاقىرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.چاچنى قارايتىپ پارقىرىتىدۇ.
15.قارا ھېلىلە،ھېلىلە كابىلە،ئامىلە پۇستى،شاھتەرە قاتارلىق دۇرىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، بەدىياندىن 6 گرام،گۇگڭۇرتتىن 3 گرام ئېلىپ،ھەممە دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ،گۇگڭۇرتتىن باشقا دۇرىلارنى سۇس ئوت بىلەن بىر لىتىر سۇدا سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ،دۇرا تىرىپلىرىنى سۇزۇۋەتكەندىن كېيىن گۇڭگۇتنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،تەييارلانغان دۇرا سۇيى بىلەن باشنى كۈندە ئىككى قېتىم يۇيۇپ بەرسە،باش قىچىشش ۋە چاچ كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
16.چاچ يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تېمىم ئاچچىقسۇ قۇشۇۋەتسە،چاچنى پارقىرتىدۇ.
17.پىيازنىڭ ئەرقىگە ھەسەل قۇشۇپ چاچنى يۇسا،چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
18.ۋىتامىن 6Bنىڭ فېر مېنت تۇلۇقلاش ۋە ھۇرمۇنلۇق رۇلى بار بولۇپ،قان ئايلىنىش ئارقىلىق،چاچنىڭ ئۆسۇشىنى ئلگىرى سۇرۇپ،چاچ چۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،چاچنى قارا ۋەپارقىراق قىلىدۇ.
19.بىنەپشە،ھېلىلىلەرنىڭ ھەر قايسسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ،سۇزۇپ تەييارلانغان دۇرا سۇيىدە ھەر 2~3 كۈندە بىر قېتىم چاچنى يۇسا،چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ،چاچقا ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
20.نەركەسنىڭ يېلتىزىنى سوقۇپ،سۇپۇپ قىلىپ،سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ھەر خىل مۇدۇر-چاقىلارغا،تەڭگىسىمان چاچ چۇشۇشكە چاپسا،ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
21.قىزىل لەيلىگۇل ئۇرۇقىدا ياغ چىقىرىپ،مۇۋاپىق مىقداردامۇزا پاراشۇكى ئارىلاشتۇرۇپ،تۇمۇز ئاپتاپتا 20~15 كۈن قۇيۇپ،چاچقا سۇرسە،چاچنى قارايتىدۇ.
22.كۆك خېنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇينى چاچقا چاچسا،چاچنىڭ كېپەكلىششىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ.
23.كۆك خېنە،كۆك ئوسما ھەر بىرىدىن 60گرام ئېلىپ،سوقۇپ،سۇيىنى ئارلاشتۇرۇپ،باشنى پاكىز يۇيۇپ،ئاجىرتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇقنى چاچقا سەپسە،چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
24.خېنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇيىدىن 50 مىللىلىتىر،ئامىلە پۇستى،بادام مېغىزى،ھېلىلە كابىلە پۇستى ھەر قايسىدىن 10 گرامدىن،ناۋاتىن 100 گرام ئېلىپ،سۇقۇشقا تىگىشلىك دۇرىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،تاسقاپ،تالقان تەييارلاپ ئاندىن خېنە سۇيىنى ئارىلاشتۇرۇپ،كۈندە چاچقا سۇرتسە،چاچ يىلتىزىنى كۈچەيتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ،چاچ چۇشۇشنى تۇختىتىدۇ.
25.سۆگەتگۇلنىڭ ھۆل گۇلنىڭ سۇيىنى سىقىپ سۇزۇپ تەييارلاپ يۇزگە چاچسا،يۇزنى پارقىرىتىدۇ.چاچقا چاپسا،چاچنى ياخشىلايدۇ.
26.شاتۇت دەرىخىنىڭ قۇۋزىقىنى سوقۇپ قاينىتپ،سۇيىدە چاچنى يۇسا،چاچنى قارايتىدۇ ھەم چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى