ساغلاملىق

ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى
    بۇ ئادەتتە ھارارىتى يۇقىرى جايلاردا ئۇزاق تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسىقلىق يېمەك- ئىچمەكلەر ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش….قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بىردىغان كېسەللىك بولۇپ، باش چىڭقىلىپ ئاغىرىش، زىڭىلداپ ئاغىرىش، ئۇيقۇسى قېچىىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق ھەم بەدەن تېلىپ ئاغىرىش،ياكى سىرقىراپ ئاغىرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندۇ.
داۋالاش:
1-      ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا، ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
2-     بىر چىمدىم قىزىل گۈلنى بىر پىيالا قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسىمۇ بۇلىدۇ.
3-     ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قۇيۇپ بەرسىمۇ ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
4-     سىمىز ئوت شورپىسىنى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
5-     ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، باشقا زىماد قىلسا شىپا بۇلىدۇ.
6-     خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پىشانىسىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
7-     پالەكنى چالا سوقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
8-      پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
9-     بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىستىمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بۇلىدۇ.
10-  ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەت قلىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى