ساغلاملىق

كۆك يۆتەل

بۇ كېسەل 2-8 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق بالىلار يۆتىلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرخىل ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى خىلىتلار غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىپ، تەبىئەت كۈچى ئاجىزلىغان، ئۇفۇنەتلەنگەن ھاۋا بىلەن نەپەسلىنىشتىن بولىدۇ.ئۇنىڭدا بالا قىزىيدۇ، كۆزى ياشاڭغۇرايدۇ، ھەر قېتىم تۇتقاندا بالا بىر نەچچە مىننۇت تېقىلىپ يۆتىلىپ كېتىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
گۈل بىنەپشە، ھەمىشەباھار گۇلى، ئاقلەيلى گۇلى ھەرقايسىسى بىر سىقىمدىن، بىھى ئۇرىقىدىن بىر ئوچۇم ئىلىپ، چاي ئورۇنىدا دەملەپ بىرىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
قارىمۇچ بىر چىمدىم ، بادام مېغىزىدىن بەش دانە ، ناۋاتتىن بىر چىمدىم ئىلىپ سوقۇپ، بىر قوشۇق قايماق ياكى قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ، ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىچكۈزىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
بىر دانە توخو ئۆتىنى بىر سېقىم شىكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بەشكە بۆلۈپ، كۈندە بىر بۆلىكى يېگۈزىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
زەمچە ئۇرۇقچە چوڭلىقىدا، بىر باش غول پىياز، ھۆل زەنجىۋىلنى ياڭاق چوڭلىقىدا ئىلىپ، دورىلارنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، داكىغا يۆگەپ تۆش سۆڭەكنى بويلاپ كۆكرەككە كۈندە بىر قانچە قىتىم سۈرتۈش مەنپەئەتلىكتۇر.
 5- رېتسىپ:
بىردانە ئامۇتنى يېرىپ ئىچىپ تازىلاپ، ئىچىگە بىر چىمدىم چاكاندىنى قاچىلاپ، ئامۇتنى يېپىپ يىپ بىلەن باغلاپ، كورۇشكىغا سېلىپ قاسقاندا پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كېيىن ئىچىدىكى چاكاندىنى ئىلىپ تاشلاپ ئامۇتنى يېگۈزگەندە بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
6- رېتسىپ:
يىرىم باش سۆسۆن پوستلۇق سامساقنى سوقۇپ، كىچىكرەك ئەينەك قاچىغا قاچىلاپ داۋاملىق پۇراپ بەرگەندە ئۈنۈمى ياخشى.
7- رېتسىپ:
بىر تال ئاچچىق ئانارنى ھۆل لاتىغا ئوراپ، قىزىق تونۇرغا سېلىپ ئىسسىتىپ، سۈيىنى سېقىپ بىر قوشۇقتىن، كۈندە 3-4 قېتىمدىن ئىچكۈزسە ئۈنۈمى ياخشى.
8- رېتسىپ:
بىر دانە قۇشقاچنى يۇڭداپ ئىچىنى تازىلاپ، بىر سىقىم ناۋات بىلەن كورۇشكىغا سېلىپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن گۆشىنى يىگۈزۈش، سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر قانچە قىتىم بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى ياخشى.
9- رېتسىپ:
بىر باش سامساقنى ئوچاققا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، كۈندە بىر تالدىن يىگۈزسە ئۈنۈمى ياخشى.
10- رېتسىپ:
گۈل بىنەپشە، پىرسىياۋشان، ئاقلەيلى ئۇرىقى، زۇپا قاتارلىق دورىلاردىن بىر سىقىمدىن، زىغىر، بىھى ئۇرىقىنى ئۈچ چىمدىمدىن ئىلىپ، قاينىتىپ ئچكۈزىلىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى