ساغلاملىق

كاناي ياللۇغى

كاناي ياللۇغى
   بۇ كېسەللىك دىماغدىن چۈشكەن نەزلە سۇيۇقلىقىنىڭ كانايغا قۇيۇلىشى ياكى كاناي مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزىلىشى، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش تۈپەيلىدىن كاناي ۋە كاناي شېللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش، قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئېششىق پەيدا بولۇپ، كىلىنىكىدا يۆتىلىش، قىزىش، بەلغەم تۈكۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، قىش كۈنلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل نەپەس سېستىما كېسەللىكلىرىدىن ئىبارەت.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
زىغىر، بىھى ئۇرىقى قاتارلىقلارنى بىر ئۇچىمدىن ئىلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ شىرنىسى ئىچىپ بىرىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
بىھىنىڭ ئۇرىقىن دائىم شۈمۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
ئاقلەيلى گۈلى بىر سىقىم، ئاقلەيلى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ھەمشىباھار گۈلى بىر سىقىم، بىھى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ئەنجۈر مونىكى بەش تال قاتارلىقلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، يىرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
زىغىر يىغىدا تاماق ئىتىپ يىگەندە كاناي ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى تىزرەك بولىدۇ.
5- رېتسىپ:
كۆك قاپاقنى ئىزىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىككى تارغاقنىڭ ئارلىقىغا تىڭىپ قويىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
ئاچچىق ئۈرۈك مىغىزى بىر سىقىم، ئۈجمە يوپۇرمىقىنى ئىككى سىقىم ئىلىپ قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە بىر سىقىم ناۋات ئىلىپ سېلىپ، قىزىتىپ ئىرىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
بىر تال خام قاپاقنىڭ ئۇرىقىنى ۋە پوستىنى ئېلىۋىتىپ، قاپاقنى ئۇششاق توغراپ، بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، بىر قوشۇقتىن ئېستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
بەش تال سەۋزىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرىدىكى غولىنى ئېلىۋىتىپ ئۇششاق توغراپ، سۇدا قاينىتىپ ئبدان پېشقاندا سۈزۈپ سۈيىگە بىر قوشۇق شېكەر قوشۇپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سەۋزىنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم بىر قوشۇقتىن ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە كاناي ياللۇغى ساقىيىپ كېتىدۇ.
9- رېتسىپ:
بىر پىيالە ئانار شەربىتىگە بىر سىقىم ناۋاتنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەر سە مەنپەئەت قىلىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئون تال بادام مېغىزى، بىر سىقىم قوغۇن ئۇرىقى مېغىزى، ئۈچ چىمدىم ئاقلەيلى ئۇرىقى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، بىر قوشۇقتىن ئېستىما قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى