ئالەم

ئالىملار ئاخىرى ئاز ئۇچرايدىغان ئوتتۇرا ھال ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنى بايقىدى

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار تېخى يېقىندىلا قارا ئۆڭكۈرنىڭ سۈرىتىنى تارتالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قارا ئۆڭكۈرگە بولغان چۈشىنىشى خېلى چوڭقۇر ئىكەن. زىچلىقى ئىنتايىن چوڭ بۇ ئاسمان جىسىملىرى ئۆزىگە يېقىنلاشقان ھەرقانداق ئاسمان جىسىملىرىنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئالىملار قارا ئۆڭكۈرنى كۆپ ساندىكى يۇلتۇزلار سىسىتېمىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىككى خىل تۈرى بار: بىرى ئۆلچەملىك قارا ئۆڭكۈر (كىچىكرەك تىپتىكى)، ئۇلارنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ بەش ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە كېلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 1000 ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا باشقا تىپتىكى قارا ئۆڭكۈر بارمۇ؟ ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئاخىرى بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى.

«ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى قارا ئۆڭكۈر» ئاسترونوملاردىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، لېكىن ئۇلار بۇنداق قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر جايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇنداق بىر قارا ئۆڭكۈرنى تېپىش ئىشىنىش قىيىن بولغان بىر خىرىس. ھازىر تەتقىقاتچىلار نەچچە مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلېكىنى بايقاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ھال ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ بارلىققا كەلگەنلېكىنى بايقىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

تەتقىقاتچىلار يەر شارىدىكى ئۈچ رەسەتخانىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ماسسىسى ئايرىم ھالدا يەر شارى ماسسىسىنىڭ 85 ھەسسىسى ۋە 66 ھەسسىسىچىلىك كېلىدىغان ئىككى قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان. بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆلچەملىك ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئارىسىدىكى قارا ئۆڭكۈر شەكىللەنگەن.

بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ھەممىسى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان، ئۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى يەتتە مىليارد يورۇقلۇق يىلى سەرپ قىلىپ ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ بىر ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى يىراق ئارىلىق بولغاچقا، بۇ ھادىسىنى بايقىغان ئالىملار ناھايىتى ھاياجانلاندى.

ناھىيەسىگەرچە بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاش بولسىمۇ، لېكىن، ھازىر يېشىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا شۇنچە ئاز ئۇچرايدۇ دېگەن مەسىلە. نىسبەتەن كىچىك قارا ئۆڭكۈر بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئارىسىدا خېلىلا كۆپ بوشلۇق بار، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقماقچى. بىر خىل نەزەرىيەنىڭ قارىشىچە، ئەگەر قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتسە، ئۇلار تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ ماددىلارنى يۇتۇشقا باشلاپ، ناھايىتى تېزلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل چۈشەندۈرۈش يەنىلا بىر خىل پەرەزدىنلا ئىبارەت.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى