ساغلاملىق

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

قىش كىرگەندىن كېيىن ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ مەڭزى، پۇت-قول بوغۇمى، گەۋدىسى، كۆز قاپىقى، قۇلاق سۇپرىسى، قۇلاق ئارقىسى قاتارلىق ئورۇنلىرى قايتا-قايتا ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، يەنە كېلىپ بەك قىچىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكە قوزغىلىپ قالغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپىنچە بالىلاردىكى ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاتا- ئانىلار دەۋاتقان ھۆل تەمرەتكە كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدۇر.

ئادەتتە ئاتا-ئانىلار دەۋاتقان بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكە ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە بالىلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر خىل ئالاھىدە كېسەللىك، شۇنداقلا بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك، قايتا قوزغىلىشچان، ياللۇغلۇق تېرە كېسىلىدۇر. بۇ كېسەل قۇرۇق، قىزىل، قىچىشىدۇ ۋە دائىم قوزغىلىدۇ. بەزىدە ھەتتا ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى «نەملىك ساقلاش»تىن باشلاش كېرەك

«تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى» (屏障功能) زىيانغا ئۇچرىغاچقا، مۇھىتتىكى غىدىقلىغۇچى ماددىلار ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى زىيانغا ئۇچرىغان تېرىدىن ئۆتۈپ، تېرە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىدە قىزىرىش، قۇرغاق قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا نەملىك ساقلاش ئارقىلىق تېرە توسۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

توغرا تونۇش، ئاكتىپ داۋالاش كېرەك

بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە ناچار تەسىر پەيدا قىلارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ، ھەتتا ئىشلىتىشنى رەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دورىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن زىيادە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە دوختۇرلار بالىنىڭ يېشى، تېرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دائىرىسى، ئورنى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان دورا تىپى ۋە كۈچلۈكلىكى ئوخشىمىغان ياسالمىلىرىنى تاللاپ، تېرە ياللۇغىنى تېز، ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ. لېكىن ئاتا- ئانىلار ئەڭ ياخشىسى خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ھەتتا قارىغۇلارچە بالىغا ماس كەلمەيدىغان ھورمۇن تەركىبلىك ھەر خىل مەلھەم، سۇيۇقلۇق ۋە دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

يۇيۇنۇش: بالىلار يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 32 ~ 37 گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 5~ 10 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق. سوپۇنغىمۇ بالىلار ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدىغان يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى تاللاش كېرەك.

كىيىم: كەڭ، يۇمشاق، تەر سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا كىيىملەرنى كىيىپ، تەر ۋە سۈركىلىشنىڭ تېرىنى غىدىقلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

نېمىشقا قىش پەسلىدە بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

يېمەكلىك: بالىلارنىڭ قانداق يېمەكلىكلەرگە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بىلىش، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، كۈندىلىك يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

تۇالغۇ جەھەتتە: مۇھىتتىكى زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسىنى كونترول قىلىش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى 18~ 22 گىرادۇس، نەملىك دەرىجىسى 50-60 بولسا مۇۋاپىق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى