ساغلاملىق

خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۆزىڭىز داۋالاڭ

ئۆزىنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى، ھەتتا يوقاتقىلى بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر قانچە ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز.

خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۆزىڭىز داۋالاڭ

  1. چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى.

نۇرغۇنلىغان خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىدا ھەرىكىتى ئاستا، چېچىلاڭغۇ بولۇش، ھورۇنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا بەدەن ئىقتىدارىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كونىلاردا كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن دېگەن گەپ بار، سەھەردىكى ھاۋانى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ساپ ھاۋا دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قوزغىتالايدۇ، بەدەن ئازادە بولغاندىن كېيىن، كەيپىياتمۇ ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىدۇ.

2. سىرتقا چىقىپ ئالاقە قىلىش.

ككەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ئۆزىگە بولغان باھاسى تۆۋەن بولۇش، باشقىلارغا يېتەلمەيدىغاندەك، ھەر قانداق ئىشنى ياخشى قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىقلار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ دائىملىق ئىپادىسى. بۇنداق تەسىرات ئۇلاردا قىزىقىش كەمچىل بولۇش، بىرەر ئىشقا يولۇقسا چېكىنىش، ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئازايتىش، ئۆزىنى قامال قىلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئۆزىنى سىرتقا چىقىشقا مەجبۇرلاش، دوستلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىقلار. گەرچە ناھايىتى ئازابلانسىڭىزمۇ، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىزلا، تاشقى مۇھىتتا سەلبىي كەيپىيات ئاستا-ئاستا يوقايدۇ، ئىشەنچىڭىزمۇ قايتىدىن ئۇرغۇيدۇ.

3. چوڭقۇر ئويلىنىش.

چوڭقۇر ئويلىنىش ئۇسۇلى ھازىر پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشتە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ، قانۇنىيەتلىك ھالدا چوڭقۇر ئويلىنىش ئاڭنى كۈچەيتىپ، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىغا ئىلھام ئاتا قىلىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۆزىڭىز داۋالاڭ

4. تەسىراتلىرىنى رەتلەش.

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى كۆپىنچە ئۆزىنىڭ پاسسىپ ھېسسىياتىغا چۆكۈپ قالىدۇ، گەرچە ئۇلار تونۇش قاتلىمىدا بۇنداق ئوي ياكى كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا قۇربى يەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەيلى قانچىلىك بىمەنە ياكى كۈلكىلىك بولسۇن، تەسىراتىڭىزنى بىر خاتىرە دەپتەرگە رەتلەپ چىقىڭ. قىلماقچى بولغىنىڭىز پەقەت ئۇنى مۇكەممەل رەتلەپ چىقىش خالاس، ئۇنى تەھلىل قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن ياكى جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىڭىز يېنىكلىگەندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈڭ. ئۇنى كۆرسىڭىزلا بولدى، تەھلىل قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مەقسىتىڭىز تەھلىل قىلىش ۋە تونۇش ئىقتىدارىڭىزنى چېنىقتۇرماقچى ئەمەس، ئەلۋەتتە سىزدىمۇ بۇنداق ئىقتىدارمۇ كەم ئەمەس، سىز پەقەت ھەر خىل تەسىراتقا ھېس قىلىپ باقسىڭىزلا بولدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى