يېمەك-ئىچمەك

بىر قاچا قىزىق شورپا ئىچىگە يوشۇرۇنغان بەش چوڭ خەتەرنى بىلەمسىز؟

بىر قاچا قىزىق شورپا ئىچىگە يوشۇرۇنغان بەش چوڭ خەتەرنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرى، بىر قاچا قىزىق شورپا ئادەمنىڭ ئاشقازىنىنى ئىللىتىدۇ، قىزىق شورپا گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەگەر شورپا ئىچىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۈگۈن سىزگە شورپىنى قانداق قىلىپ توغرا، ساغلام ئىچىشنى ئۆگىتىپ چۈشەندۈرۈپ قويايلى:

تەركىب خەتىرى

ئادەم بىر قاچا شورپا ئىچىۋالسا، بەك راھەت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر بىر قاچا شورپىنىڭ تەركىبىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلغاندا، شورپىدىكى %99 تەركىبنىڭ سۇ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا %1 تەركىبنىڭ ماي، ئاقسىل ۋە ئاز مىقداردىكى مىنېرال ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇڭا، پەقەت بىر قاچا «قۇۋۋەت تولۇقلاش» شورپىسىغا تايىنىپلا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قاچا شورپىدا قورساق تويغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا، كۈندىلىك كۆكتات، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۇناسىپ ھالدا ئازىيىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە شورپا ئىچكەندە ئۈچ ۋاق تاماققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ بېرىش كېرەك.

بىر قاچا قىزىق شورپا ئىچىگە يوشۇرۇنغان بەش چوڭ خەتەرنى بىلەمسىز؟

تېمپېراتۇرا خەتىرى

نۇرغۇن كىشىلەر دائىم «شورپىنى قىزىقىدا ئىچسە ئاندىن تەملىك بولىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، كۆپ قىسىم شورپىلار ھەددىدىن زىيادە «قىززىق» بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم قىزىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت شىللىق پەردىنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا، ئاسانلا شىللىق پەردىگە مۇناسىۋەتلىك راك ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تېمپېراتۇرا ئادەتتە 60 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ شىللىق پەردىسى تېخىمۇ يۇمران بولۇپ، شورپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

ۋاقىت خەتىرى

سۆڭەك شورپىسى قايناتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر قانچە ئۇزۇن قايناتسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئىككى-ئۈچ سائەت قايناتقاندىلا، شورپا تېخىمۇ ئاقىرىپ، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەك ئۇزۇن قاينىتىشنىڭ تەمگە بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، بىراق بەك ئۇزۇن قاينىتىلسا، سۆڭەك شورپىسىدىكى پۇرىن ۋە ياغ مىقدارى ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر كۆپ مىقداردا ئىچسە، ئاسانلا قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى، سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر كۆكتات بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ شورپا قىلساق، ئۇنى يېرىم سائەت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك؛ ئەگەر شورپا ۋە سۆڭەك شورپىسى بولسا، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

بىر قاچا قىزىق شورپا ئىچىگە يوشۇرۇنغان بەش چوڭ خەتەرنى بىلەمسىز؟

دورا-دەرمەك خەتىرى

شورپا قايناتقاندا، ئاش تۇزىنى كۆپەيتكەندە، شورپىنى تېخىمۇ ئوبدان تەمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىق توغرىسىدا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئاھالىلىرى نۆۋەتتە ھەربىر كىشىنىڭ كۈندىلىك ئاش تۇزىنىڭ ئەمەلىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان مىقداردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، ئادەتتە تۇز مىقدارىنى چوقۇم مۇۋاپىق كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

سۈرئەت خەتىرى

ناھىيەسىگەرچە تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچىش قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر بەك تېز ئىچىۋەتسە، ياخشى بولمايدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازان-ئۈچەي يولىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېز سۈرئەتتە ئىچكەن شورپا ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ قورساق تويغۇزۇش سېزىمىدىكى سىگناللار چوڭ مېڭىگە «كېچىكىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بەزىدە تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا، يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ. شورپا ئىچكەندە يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، شورپىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش، ھەر قېتىمدا بىر قاچىدىن ئىچىپ بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى