ساغلاملىق

كۆز نېمە سەۋەبتىن دائىم ئاغرىيدۇ؟

كۆز نېمە سەۋەبتىن دائىم ئاغرىيدۇ؟

مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۆزى ئاغرىشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبىئىي ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇنداق بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن كۆز كېسەللىكلىرى مانا مۇشۇنداق سۆرۈلۈپ چىقىدۇ، بايقالغاندا پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. شۇڭا، كۆپچىلىك كۆز ئاغرىقىنى ھېس قىلسا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

كۆز نېمە سەۋەبتىن دائىم ئاغرىيدۇ؟

ئۇنداقتا، قايسى كۆز كېسەللىكلىرى كۆز ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى

ئەمەلىيەتتە كۆزنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەندىن كېيىن، كۆز قۇرغاقلىشىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ كۆپىنچە كومپيوتېر خىزمەت قىلىدىغانلاردا كۆرۈلىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. گەرچە دەم ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى پەسەيسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا داۋالىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى كۆز ئۇزاق مەزگىل قۇرغاق ھالەتتە تۇرغاچقا، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

2. تەتۈر كىرپىك

تەتۈر كىرپىك خەت مەنىسى بولۇپ، كىرپىك تەتۈر ئۆسىدۇ، شۇ ئارقىلىق كۆزگە سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەنىلا ناھايىتى كۆپ، پەقەت ھەربىر ئادەمنىڭ تەتۈر كىرپىكىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك پەقەت ئاز ساندىكى كىرپىكنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە ئۆسكەنلېكىنى بايقاپ، ئۆزلۈكىدىن يۇلۇۋەتسە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى كىرپىكنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە ئۆسۈشى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، دوختۇرنىڭ ھۆكۈمى بويىچە مۇناسىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

كۆز نېمە سەۋەبتىن دائىم ئاغرىيدۇ؟

3. كۆز سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش

كۆز سەزگۈرلۈكىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى كۆز ئاغرىش، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك، چاڭ-توزان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆز سەزگۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا قارىتا بىز ئالدى بىلەن زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشىمىز، ئاندىن زىيادە سەزگۈرلۈك دەرىجىسىگە قاراپ كېسەلگە قارىتا دورا ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، يەنە بىر قىسىم بىمارلار پەسىل خاراكتېرلىك كۆز سېزىمچانلىقىغا تەۋە، بۇ تۈردىكى بىمارلار ئالدىن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈندە كۆپرەك كۆز پەرۋىش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

4. مۈڭگۈز پەردە يىرىڭلاش

مۈڭگۈز پەردە يىرىڭلاش كۆز قىسمىدىكى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىر قەدەر ئېغىر بولغان كۆز كېسەللىكلىرىگە تەۋە. بىماردا ئادەتتە ئاغرىش، نۇردىن قورقۇش، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا مۈڭگۈز پەردە تېشىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئالدى بىلەن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش، دوختۇرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كونترول قىلىشىغا ماسلىشىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئاساسەن، دورا ياكى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ داۋالاش كېرەك.

5. قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى

قاپاق ياللۇغى كۆز قىسمىدىكى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆز ئاغرىش، كۆز كۆيگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ، نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، ئاستا-ئاستا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بارلىقىنى بايقىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئۇنىڭ ساقىيىش نىسبىتى قانچە بالدۇر بايقالسا، شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپچىلىك چوقۇم كۆزنىڭ ساغلاملىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، ئادەتتە كۆزنىڭ ئاغرىشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. كۆز بىز كۆزىتىدىغان بىردىنبىر ئەزا، ئەگەر بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى قارىغۇ بولۇپ قالسا، كىشىلىك تۇرمۇشىمىز زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم كۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى