تور ھۈنەر

گۇگېل تور كۆرگۈچى ئارقىلىق بەيدۇ تور دىسكا ئادرېسنى نورمال ئېچىش

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار !
تورداشلارغا مەلۇملۇق ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ماتېرىياللار ئاساسەن دېگۈدەك بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللانغان بولۇپ، مەزكۇر تور دىسكىسى دىيارىمىزدا نورمال ئېچىلمايدۇ، يەنى كومپيوتېردا نورمال ئېچىلمايدۇ، لېكىن يان تېلېفوندا نورمال ئېچىلىدۇ، ئەگەر بىز بىرەر ماتېرىيالنى چۈشۈرمەكچى بولساق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ ماتېرىيال ئادرېسىنى يان تېلېفوندا ئېچىپ، ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن كومپيوتېردا تور دىسكىمىزنى ئېچىپ چۈشۈرۈپ دېگەندەك قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

ئەلۋەتتە يەنە ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتلىرىگە تايىنىش ئارقىلىق كومپيوتېردا ھەم چۈشۈرۈشكە ھەم بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتلىرىمۇ تازا نورمال بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر كۈن نورمال ئېچىلسا يەنە بىر كۈن ئېچىلمىغان ياكى تاقىلىپ قالغان دېگەندەك مەسىلىلەر تۈپەيلى جىددىي لازىم بولغاندا ئېچىلماي خاپا سالىدۇ، ئۇنداقتا يەنە باشقا ياخشى بولغان ئۇسۇللار يوقمۇ ؟

ئەلۋەتتە بار !

بۈگۈن سىلەرگە ناھايىتى ئاددىي لېكىن ھەر ۋاقىت ئەز قاتىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ كومپيوتېرنىڭ ئۆزىدىلا گۇگېل تور كۆرگۈچىدىن پايدىلىنىپ بەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق ھەم بەھرىلەنگەن ماتېرىياللار ئادرېسىنى نورمال ئېچىش ۋە ساقلاش.

ئۇنداق بىز باشلاپ كېتەيلى….

تەييارلىق :
سىز ئالدى بىلەن گۇگېل تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.
تور كۆرگۈچنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بەيدۇ ياكى باشقا ئىزدەش ماتورلىرىغا  « google chrome » دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزمۇ ياكى ئورگان تورىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورگان ئادرېسى :

https://www.google.cn/intl/zh-CN/chrome

خۇش چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز، ئەمدى ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارايلى. « چۈنكى بەيدۇ تور دىسكىسىنى نورمال ئېچىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىمدا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز، بىر قېتىم تەڭشىۋالساق ئۇنىڭدىن كېيىن تەڭشەش ئېلىپ بارمىساقمۇ بولىدۇ ».

ئالدى بىلەن بىز گۇگېل تور كۆرگۈچىنى قوزغىتىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىك ئىچىدىن ئەڭ ئاستىدىكى « 检查 » دېگەننى چېكىپ  « 开发者工具 » رايونىغا كىرىمىز. ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن« Ctrl+Shift+i » نى تەڭلا بېسىش ئارقىلىق كىرسەكمۇ بولىدۇ.

ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۇستى تىزىملىك رايونىدىن ئايپەد بىلەن ئايفوننىڭ رەسىمىنى تاللايمىز، ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن « Ctrl+Shift+M » نى باسساقمۇ تاللىنىدۇ. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

 

ئەمدى سول تەرەپ ئۇستى تىزىملىك رايونىدىن« Responsive »دېگەن خەتنى چېكىپ مەلۇم بىر دانا كۆچمە ئۈسكىنە تاللايمىز. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

مەن ئېكران چوڭراق كۆرۈنسۇن ئۈچۈن iPhone X نى تاللىدىم، ئەلۋەتتە سىز خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى بىز بەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق ھەم بەھرىلەنگەن بىر ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ چاپلاپ باقايلى. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

مىسال ئۈچۈن بىر ئادرېس قالدۇراي :

https://pan.baidu.com/s/1VFeb6vIVD_BpxDOCKddrhQ

پارول : 0n64

قانداق نورمال ئېچىلدىمۇ؟
ئەمدى پارولنى كىرگۈزۈپ ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلىۋالساق بولىدۇ. ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

 

ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ تور دىسكىسىغا ساقلاپ بولغاندىن كېيىن كومپيوتېرىمىزدىكى بەيدۇ تور دىسكىسى غوجىدارىنى قوزغۇتۇپ چۈشۈرۈۋالساق بولىدۇ.

خۇش ئەمدى تۇنجى قېتىمدا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولدۇق، لېكىن ئەمدى بۇندىن كېيىن بۇنداق تەڭشەپ ئولتۇرماي بىۋاسىتە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىك ئىچىدىن ئەڭ ئاستىدىكى « 检查 » دېگەننى چېكىپ، ئادرېسنى چاپلاپ « Enter » نى باسساقلام ئېچىلىدۇ.« ئەلۋەتتە ئادرېس ئەمەلدىن قالمىغانلا بولسا نورمال ئېچىلىدۇ. ئەگەر ئادرېس ئەمەلدىن قالغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئېچىلمايدۇ ».

يۇقىرىدا بىز گۇگېل تور كۆرگۈچىنىڭ « Responsive Web Design Tester » تۈرىدىن پايدىلاندۇق، بۇ گۇگېل تور كۆرگۈچىنىڭ تور بېكەتلەرنى كۆچمە ئۈسكۈنە ئارقىلىق سىناش ئىقتىدارى بولۇپ، مانا ئەمدى بىزگە ئەز قېتىپ قالدى.

سىزگە ئامەت تىلەيمەن .
مەنبە : بىلىملەر تورى

مەزكۇر تېما بىلىملەر تورى ۋە يانچۇق تېخنىكا ئۇچۇر سالونىغا بىردەك يوللانغان

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى