ساغلاملىق

چېچىڭىز بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئالتە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ

چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشى كىشىلەرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، باش تېرىسىنىڭ يالىڭاچلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش كېرەك. تۆۋەندە چاچ چۈشۈشنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.

چاچ باش تېرىسىدىكى تۈك خالتىسىدا ئۆسىدۇ، تۈك خالتىسى باش تېرىسىدىكى تېرە ھۈجەيرىسىدەك ئۆسىدىغان بولۇپ، تۈك خالتىسى ۋە باش تېرىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا يۈز تېرىسىنى ئاسىرغاندىنمۇ بەكرەك ئاسراش كېرەك.

بىزنىڭ باش تېرىمىزنىڭ نېپىزلىكى كۆز تېرىسىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئىككىنچى نېپىز تېرە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قېرىش سۈرئىتى يۈز تېرىسىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە، ئادەم بەدىنىدىكى تېرىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، شۇڭا ئاسان زەخىملىنىدۇ، ئاسراش تېخىمۇ زۆرۈر، ئەمما تۈك خالتىسىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى چاچنىڭ ئۆسۈشى ۋە چۈشۈشى، كۆپ ياكى ئاز بولۇشى، شۇنداقلا چاچ سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

1. ئۇزۇن مۇددەت كومپيوتېر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى بولسا، بىر سائەت ئىچىدە كومپيوتېردىن ئايرىلىپ مېڭىپ بېرىش كېرەك.

2. تۈنەشتىن ساقلىنىش، بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك (نۇرغۇنلىغان ماي تەپچىرەيدىغان چاچ چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ كېچىكىپ ئۇخلايدىغان ئادىتى بار).

3. باش تېرىسىنى كۆپ قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسە، باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈك خالتىسى تېرىنى جانلاندۇرىدۇ.

4. چاچنى بۈدرە قىلىش، بوياش، تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، خىمىيەلىك دورا سۈيى باش تېرىسىدىكى چاچقا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بىر قېتىم ئىشلىسە، تۈك خالتىسى بىر قېتىم ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.

5. سىلىتسىيلىق مايسىز چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سىلىتسىيلىق ماي تەركىبى ئاز بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاش كېرەك.

6. كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇپ، روھىي جەھەتتىن زىيادە جىددىيلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، چاچ چۈشۈپ كەتكەن بىمارلار تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. گۆش، تۇخۇم ئاقسىلى، پالەك، كاللەكبەسەي، كەرەپشە، مېۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى داۋالاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. چاچ چۈشكەن ياكى تاقىرباش ئادەمنىڭ باش تېرىسى قېتىپ قالغان بولۇپ، يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر باش تېرىسىنى يۇمشىتىشقا پايدىلىق.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى