ساغلاملىق

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

مېڭە يىگىلەش كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئادەممۇ يوق. كونكېرىت سۆزلىگەندە، مېڭە يىگىلەش بەدەننىڭ ئۆزىدىكى ۋە تاشقى مۇھىتتىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەدەننىڭ ئۆزىدىكى ئامىل دەل ئىرسىيەتنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن مېڭە يىگىلەش يەنىلا تاشقى مۇھىتتىكى ھەر خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىدىكى ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش، ئۆلۈش ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، نەتىجىدە فۇنكىسىيە قالايمىقانلىشىپ، مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۆلگەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورنىنى فۇنكسىيىسى بولمىغان يېلىم ھۈجەيرىلىرى ئىگىلەيدۇ، ھەمدە بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەجىمى كىچىكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مورفولوگىيىلىك نۇقتىدىن مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى كۆرۈنىدۇ، يەنى بۇ مېڭىنىڭ يىگىلىگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ.

مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق تاشقى ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

1. زەھەرلىنىش

زەھەرلىنىشتىن بولغان مېڭە يىگىلەش نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. كاربون چالا ئوكسىد(كۆمۈر گازى)تىن زەھەرلىنىش بولسا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى زەھەرلىنىشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دائىم ھاراق ئىچىش يەنى ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشتىن بولغان مېڭە يىگىلەش ئەھۋاللىرىمۇ ئاز ئەمەس.

2. مېڭە تاشقى زەخمىسى

تاشقى زەخمە نېرۋا توقۇلمىلىرىنى بىۋاستە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. تاشقى زەخمە، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئۇدا قوزغىلىشى ۋە مېڭىگە سۇ يىغىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مېڭىنىڭ يىگىلىشىگە سەۋەبچى.

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

3. مېڭە كېسەللىكلىرى

نېرۋا تومۇرلىرىدا كېسەل پەيدا بولۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، تومۇر ئەتراپىدىكى مېڭە توقۇلما ھۈجەيرىسىدە قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ھەم يىگىلەپ ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مېڭە يىگىلەش شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مېڭە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ مېڭىگە بولغان زەخمىسىمۇ مېڭە يىگىلەشكە سەۋەبچى بولىدۇ.

4. ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى

دىيابېت، قاندىكى ماي كۆپىيىش، قالقانسىمان بەز ۋە قوشۇمچە قالقانسىمەن بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىمۇ مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

5. ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك

ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ، ياخشى ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئەمما ئۇيقۇ ناچار بولغاندا ئورگانىزىملار قالايمىقانلىشىپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئاجىزلايدۇ.

6. باشنى كېسەل ھالەتتە ئىشلىتىش

باشنى بىئارام ھالەتتە ياكى كېسەل چېغىدا ئىشلەتكەندە ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي يەنە مېڭىنىڭ زەخمىسى ئېغىرلايدۇ.

مېڭە يىگىلەشنىڭ يەتتە چوڭ سەۋەبى

7. كاللا ئىشلەتمەسلىك

كاللا ئىشلىتىپ مۇلاھىزە قىلىش مېڭىنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق چارە. بۇنداق قىلغاندا كاللا ئۆتكۈرلىشىپ مېڭە يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل كاللا ئىشلەتمىسە مېڭە راستىنلا چېكىنىپ يىگىلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى