ساغلاملىق

ئۈچەي يولىنى قوغداپ چوڭ ئۈچەي راكىدىن يىراق تۇرايلى!

ھازىر چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈپ قالغان كىشىلەر تېخىمۇ ھوشيار بولۇشى، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشتىن سىرت، يەنە مۇناسىۋەتلىك تېببىي بىلىملەرنى ئىگىلىشى كېرەك.

ئۈچەي يولىنى قوغداپ چوڭ ئۈچەي راكىدىن يىراق تۇرايلى!

چوڭ ئۈچەي راكىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قايسى تېببىي ساۋاتلارنى چۈشىنىش كېرەك؟

1. ئۈچەي مونچاق گۆشى راك كېسىلىگە ئايلىندۇ.

40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتكەندە، چوڭ ئۈچەينىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى بارلىق ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسمە ياكى مونچاق گۆش بار-يوقلىقىغا قاراپ بېقىڭ. چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇنچاق گۆشتىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولىدۇ، ئۈچەي مونچاق گۆشىگە دىياگنوز قويۇلغان ھامان چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئۈچەي يولىدىكى تازىلىق مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

2. خەتەرلىك كىشىلەر توپى قەرەللىك ھالدا بوغماق ئۈچەي راكىنى تەكشۈرتىشى كېرەك.

چوڭ تەرەتتە قان سۇيۇقلۇقى ئارىلاش كېلش، چوڭ تەرەت كەلمەسلىك، تەكرار ئىچى سۈرۈش، چوڭ تەرەت قىيىن بولۇش، ئۇزۇن ۋاقىت قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەدەن ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق، ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى ئىزچىل داۋالىماسلىق، ئاستا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە تۆۋەنكى ھەزىم قىلىش يولى قانىغانلار ھەر ئالتە ئايدا دوختۇرخانىغا بېرىپ بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، 40 ياشتىن ئاشقان، كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەن، ھاراق ئىچكەن ھەمدە يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلار ھەر يىلى دوختۇرخانىغا بېرىپ بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ئۈچەي يولىنى قوغداپ چوڭ ئۈچەي راكىدىن يىراق تۇرايلى!

3. ئۈچەي يولىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئۈچەي يولىنى تازىلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەمما مەلۇم كىشىلەرنىڭ كېسەللك سەۋەبىدىن بۇ ئىقتىدارىتوسقۇنلىققا ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلانغان ياكى يۇقۇملانغان بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، نېرۋا سىستېمىسىدا بىنورمال تونۇش توسالغۇسى پەيدا بولغان ياكى ھەزىم ماددىلرى ئاشقازانغا يىغىلىپ قالغان ۋە ئۈچەي توسۇلۇش پەيدا بولغان كىشىلەر.

4. ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىش كېرەك.

چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى چوڭ ئۈچەي بەز ئۆسمىسى، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلى ۋە چوڭ ئۈچەي ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ ئۈچەي بەز ئۆسمىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارى بولمىسا نورمال ھۈجەيرە راكقا ئۆزگىرىدۇ. دەسلەپكى بىمارلار ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋەتسە، راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بوغماق ئۈچەي قىسمىغا مەركەزلىشىپ قالسا، ئۆسۈش خاراكتېرلىك مۇنچاق گۆش ئەگىشىپ كېلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ ھەم ئىزچىل ساقايمايدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك. چوڭ ئۈچەي ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغى ئاميوبالىق ئۈچەي كېسىلى ۋە قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل داۋالىغاندا ئاندىن چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئۈچەي يولىنى قوغداپ چوڭ ئۈچەي راكىدىن يىراق تۇرايلى!

سەمىمىي ئەسكەرتىش :

چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ئاز دېگەندە ئالتە ئايدا بىر قېتىم بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش كېرەك. چوڭ ئۈچەي راكى ئاسانلا گېموروي بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر قايتا-قايتا چوڭ تەرەت قىلسا ياكى چوڭ تەرەت قارىداپ كەتسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاپ، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتە چوڭ تەرەتنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر چوڭ تەرەت ئىنچىكە بولۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، ئۇزۇن ۋاقىت قورساق ئاغرىش، ئېنىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى چۇشۇپ كەتسە ھوشيارلىقنى ئاشۇرىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى