تەبىئەت

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

نۇرغۇن ھايۋاناتلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «بەتبەشىرە، مەينەت، قورقۇنچلۇق» دەپ قارىلىدۇ، ئەمما پەن-تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلىنغان بولىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ھايۋاناتلارنى چۈشۈنۈپ ئۆتىمىز:

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

  1. يىلان

دۇنيادىكى نورغۇن كىشىلەر يىلاندىن قورقىدۇ، ئۇلار يىلاننىڭ باللىلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى چېقىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى %15 يىلاندىلا زەھەر سۇيۇقلۇقى بولىدۇ، ئىنچىكە دىققەت قىلساقلا خەتەرلىك يىلاننى ئاسانلا ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يىلان ئىنسانلاردىن تېخىمۇ قورقىدۇ، يىلان قىممەتلىك زەھىرىنى ئۆزى يىيەلمەيدىغان نەرسىگە ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۈركۈپ كەتسە ياكى تۇتۇلۇپ قالغىلى تەييار بولغاندا، يىلان تىز سۈرئەتتە قاچىدۇ ياكى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

2. قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈكى (黑寡妇蜘蛛).

«قارا تۇل خوتۇن» دېگەن نام چىشى ئۆمۈچۈكنىڭ جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەركىكىنى يەۋېتىشىدىن كەلگەن. ئەمما ھازىرقى تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، چىشى ئۆمۈچۈكنىڭ ئەركىكىنى يەۋېتىش مىساللىرى ئاز سانلىق ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئۆمۈچۈكككە نام قويۇلغاندىكى چاغدىكىدەك ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس ئىكەن.

ناھىيەسىگەرچە قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈكىنىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن زەھەر مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھەرقانداق ئادەمنى چېقىۋالغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ، ئادەتتە قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈكنىڭ زەھىرى بالىلار ۋە تېنى ئاجىزلارغا بىر قەدەر زور تەھدىت سالىدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

3. ئاق چۈمۈلە

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاق چۈمۈلىنى «ئۆينىڭ ياغىچىنى يەيدۇ، ھەتتا ئىچكى قىسمىدىن بىر ئىمارەتنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ» دەپ قاراپ ئۇلاردىن بىزار بولىدۇ. ئەمما تەبىئەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇرۇپ قالغان دەرەخ يېڭى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدۇ، دالىدا ئاق چۈمۈلە توپى قۇرۇپ كەتكەن دەل-دەرەخلەرنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك تازىلىيالايدۇ. ئاق چۈمۈلە زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيە قاتارلىقلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىپ، يەر شارىدىكى ھەر بىر ئورمانلىقنىڭ سىجىل ھەم ساغلام ئۆسۈشىدە ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئاق چۈمۈلىنى ئائىلە ئىمارەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەندە، بۇ كۆزى يوق كىچىك جانىۋارلار (كۆپ قىسىم ئاق چۈمۈلە ئىچىدىكى ئىشچى چۈمۈلىلەر ۋە ئەسكەر چۈمۈلىلەرنىڭ كۆزى يوق)، قايسىسى تەبىئىي دەرەخ، قايسىسى ئىنسانلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

4. سېرىق ھەرە

ناھايىتى كۆپ سانلىق ئادەم سېرىق ھەرىدىن قورقىدۇ، ھەرىنى «سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدىكى نەشتەر سانجىلسا قاتتىق ئاغرىتىدۇ، ھەتتا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى ۋە زەھەرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سېرىق ھەرە يەنە چوڭ سېرىق ھەرە، يولۋاس باشلىق ھەرە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تارقىلىشى كەڭ، تۈرى كۆپ، ئۇچۇش سۈرئىتى تېز ھاشارات بولۇپ، پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىگە تەۋە، كۆپ ساندىكى سېرىق ھەرە ئىنسانلارنى چاقمايدۇ. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدا چاڭلاشتۇرغۇچى رولنى ئۆتەيدىغان بولۇپ، ساغلام ئۆسۈملۈك تۈر توپىنى قوغدايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەرە كۆنىكى بىلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن بولغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇۋېتىشكە ئۇرۇنغاندا، سېرىق ھەرە غەزەپلىنىپ چېقىپ قويىدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

5. ئاكۇلا

ئاكۇلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق گۆشخور ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنى ئاچكۆز، رەھىمسىز، قانخۇمار، «سۇدىكى قاتىل» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھالبۇكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، ھەر يىلى ئاكۇلانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12گىمۇ يەتمەيدۇ، سۇدا تۇنجۇقۇپ ياكى باشقا سۇ ئۈزۈش ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتىدۇ.

ئاكۇلا ناھايتى ئەقىللىق ھايۋان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارغا ئوخشاش ناتونۇش ھايۋانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى تەبىئىي ئېكولوگىيەدە بېلىق تۈرلىرى توپىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ ئوخشاش مۇھىتتا كۆپىيىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغدايدۇ. ئاكۇلانىڭ قىزىقىشى ناھايىتى كۈچلۈك، بەزى ئاكۇلالار سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان مۇھىتتا «گەپ ئاڭلايدىغان» بولۇپ، مۇناسىپ بۇيرۇقلارنى چۈشىنەلەيدۇ.

كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىۋاتقان ھايۋانلار

6. دېلفىن

نورغۇن كىشىلەر دېلفىننى «ئوماق، ئاسانلا كۆندۈرگىلى بولىدۇ» دەپلا ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە دېلفىن ناھايىتى رەھىمسىز گۆشخور ھايۋان، ئۇنىڭ ئەجەللىك كۈچى ۋە ھىيلىگەرلىككە تولغان ئەقىل-پاراسىتى بار، يەنە تېخى كوللېكتىپ ئوۋ ئوۋلاش ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بەزىدە ھېچقانداق سەۋەبسىزلا باشقا ھايۋانلارنى قىينايدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ، ھەتتا كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. سۇ جانلىقلىرى سارىيىدىكى دېلفىنلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن، قارىماققا يۈزىدە «تەبەسسۇم» جىلۋە قىلىپ تۇرسىمۇ، بەلكىم چوڭ مېڭىسىدە «ئادەم ئۆلتۈرۈش پىلانى» ئۈستىدە چوت سوقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى