ساغلاملىق

ساغلام ئائىلىنىڭ ئون ئورتاق نۇقتىسى

1997-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىلىق ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى دوكتور داۋىد مىنكوۋ ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىرلىكتە «خىزمەت بىلەن تۇرمۇش» ناملىق دەم ئېلىش مەركىزى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالدىراش خىزمەت قىلىش جەريانىدا جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختىنى ساقلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۆتكەن 20 يىلدا، مىنكوۋ 10 ئاددىي ھەم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ساغلام ئائىلە ئادىتىنى يەكۈنلىدى:

بىللە تاماق يېيىش:

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يېگەندە بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ياردىمى بولىدىكەن، يەنە ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىشى، ھاراق ئىچىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىللە تاماق يېگەندە، كىشىلەر ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئەمەس، بەلكى كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تېخىمۇ ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا مايىل بولىدۇ. ئەگەر ھازىر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىللە تاماق يەيدىغان ئادىتى بولمىسا، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يىغىلىپ تاماق يېيىشنى باشلىسا بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تاماق يېيىش قېتىم سانى تەدرىجىي كۆپىيىپ، بىر خىل ئادەت يېتىلدۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوپچە تاماق يېگەندە بىللە تاماق ئېتىمىز، بۇ سىرتتىن تاماق يېگەنگە ۋە تاماق بۇيرۇتقاندا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولۇپلا قالماي، يەنە خۇشال چاغلارنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. تاماق ئەتكەندە بالىلارغا قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

بىرلىكتە دەم ئېلىشنى پىلانلاش:

پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشنى پىلانلاش ناھايىتى ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بولۇپ، ھەربىر ئادەمنى بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئادەتكە ئايلىنىدۇ. پىلان تۈزگەندە، بالىغا تولۇق پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئويلاشنى ئۆگىتىشگە پايدىلىق.

بىللە ئۆگىنىش قىلىش:

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن. گەرچە بالا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاتا-ئانىسىنىڭ «رەقىبى» بولمىسىمۇ، لېكىن بىرلىكتە يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگەنگەندە، ھەر ئىككى تەرەپ نۆلدىن باشلاپ، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى بىلىمگە ئىنتىلىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئارا مۇناسىۋەت باغلايدۇ.

بىللە خەۋەر كۆرۈش:

بالىلارغا نىسبەتەن، خەۋەر كۆرۈش بەك زېرىكىشلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەس ئۇچۇرلارنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم قىلسا ھەمدە ۋاقىت چىقىرىپ مۇزاكىرە قىلسا، بۇ بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

ساغلاملىق ئادىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرۇش:

ئەگەر ياخشى بولغان ساغلاملىق ئادىتىنى يېتىلدۈرمەكچى بولساق، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر چوقۇم« ساغلاملىقنى ساقلاش» نى كۈندىلىك تۇرمۇش دەپ قارىشى كېرەك. مەسىلەن، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلا ۋاقىتتا چىش چوتكىلايدۇ؛ بىر كۈن ئىچىدىكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، ھەممە ئادەم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېمەسلىك؛ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزئارا ئەسكەرتىپ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش.

تەن ساغلام بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، كۆپچىلىك ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەھەر سىرتىغا چىقىپ سەيلە قىلسا ياكى ۋېلسىپىت مىنسە بولىدۇ.

ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىش:

بالىلار ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش، چوڭلار خىزمەت بىلەن ئالدىراش… ئەگەر ھەپتە ئاخىرىمۇ لىق تىزىلسا، ئۇنداقتا ھەر ئاينىڭ بىر ھەپتىسىنى قالدۇرۇپ، ھېچقانداق ئىش ئورۇنلاشتۇرماي، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

يالغۇز تۇرۇش ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىش:

بىر ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىللە ئىش قىلىش ئەلۋەتتە ياخشى، لېكىن بىر-بىرىگە ئازراق يالغۇز تۇرۇش بوشلۇقى قالدۇرۇشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. بولۇپمۇ تور تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ھەربىر ئادەمنى كۆچمە ئۈسكۈنە قول-پۇتلىرىنى «باغلاپ»، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزئارا «ئۈزۈۋېتىش»كە يول قويۇش كېرەك.

ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىش:

ئۈنۈملۈك سۆھبەت قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى نۆۋەتلىشىپ پىكىر بايان قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، چوڭلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى ناتايىن، پەقەت قوش يۆنىلىشلىك مۇھاكىمە قىلىشقا ئادەتلەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغىلى، تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش:

تۇرمۇشتا ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئائىلىنى قوغدىغانلىق دەپ قارىماسلىق كېرەك. ساغلام ئائىلىنىڭ ئاساسى ئىشەنچ، ئىشەنچ پەقەت سەمىمىيلىك ئاساسىدىلا قۇرۇلىدۇ.

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى