ئاجايىباتلار

يەتتە غەلىتە كەسىپ: ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئوغۇل دوست …

ھەر بىر ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن كېيىنچە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئادەتتە بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى ياخشى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باشقا كەسىپلەردىنمۇ ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولۇپ تۇرىمىز، بەزى كەسىپلەرنى ھەقىقىي چۈشەنمىسەكمۇ، پەقەت بولمىغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باققان. لېكىن بۇ دۇنيادا يەنە بىر قىسىم غەلىتە كەسىپلەر بار بولۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان كەسىپلەرمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە. بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىڭىز ھەتتا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، بۇ خىل ئاڭلىماققا غەلىتە تۇيۇلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنمۇ دەل مۇشۇنداق، ئاڭلىماققا غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، لېكىن كىرىمى يۇقىرى بولغان سەككىز تۈرلۈك غەلىتە كەسىپ بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

1. توردىكى تونۇشتۇرۇش ئۇستىسى

سىز باشقىلارنىڭ توردا ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتى ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىكى ئالاھىدىلىكى ئادەمنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ توردىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈپلا «بەلكىم ئۇ راستتىنلا بەك قىزىقارلىق كىشى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى يازغان ئادەم ئۇ بولماستىن، بەلكى باشقا بىر «تەجرىبىلىك كىشى» بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر «توردىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش يازغۇچىسى»دىن ئىبارەت بۇ كەسىپ، خېرىدارلارنى مۇشۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خېرىدارلار ھەر ئايدا 360 دوللار (2500 يۈەن خەلق پۇلى)دىن 1440 دوللار( تەخمىنەن ئون مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غىچە ھەق تۆلەپ، تونۇشتۇرۇش يازغۇچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توردىكى ئۇچرىشىش ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ باشقۇرغۇزالايدۇ.

2. ئىجارىگە بېرىلدىغان ئوغۇل دوست

شەرقى ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان كۆپ دۆلەتلەردە، ئەگەر بىر ئايال 30 ياشقا كىرىپمۇ يەنىلا لايىقى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەر تەرەپتىن زور پىسخىكا بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇنىڭغىمۇ ئامال بار، ئۇلار ئوغۇل دوستتىن بىرنى ئىجارىگە ئالسا تامامەن بولىدۇ. سىز بۇنى بەلكىم، غەلىتە ئىشقۇ بۇ! دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئوغۇل دوست ئىجارىگە بېرىش كەسپى ياپونىيەدە ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى بەزى شىركەتلەر، قانۇنلۇق ھالدا بۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويغان. ئادەتتە ئوغۇل دوست ئىجارە ئېلىشنىڭ باھاسى، سىزنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمىڭىزنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سائىتىگە 45 دوللار (310 يۈەن خەلق پۇلى)دىن 65 دوللارغىچە (450 يۈەن خەلق پۇلى) ھەق ئېلىنىدۇ.

3. مېترو بېكىتىدىكى ئىتتىرگۈچى

ياپونىيە دۇنيادىكى ۋاقىتقا ئەڭ رىئايە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھەربىر ئادەمنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ( ھەر كۈنلۈك مېتروغا ئولتۇردىغانلار تەخمىنەن سەككىز مىليون 700 مىڭ ئادەم)، ياپونىيىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر كەسىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كىشىلەر بۇ خىل يېڭىچە كەسىپنى «مېترو بېكىتىدىكى ئىتتىرگۈچى» دەپ ئاتىغان. بۇ خىزمەتچىلەر ئىشقا چىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، كىشىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مېتروغا قىستاپ كىرگۈزۈشى كېرەك. ئۇلار ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:00دىن 9:00 غىچە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ھەر سائەتتە تەخمىنەن 10 ئامېرىكا دوللىرى (70 يۈەن خەلق پۇلى) تاپالايدۇ.

4. كەسپىي قۇچاقلىغۇچىلار

بەلكىم سىز قۇچاقلاشنىڭ بىر تۈرلۈك كەسىپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كەسىپنىڭ بەزى دۆلەتلەردە ئىنتايىن مۇۋاپىق خىزمەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، چۈشىڭىزدىمۇ ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى بولسا، ناتونۇش خېرىدار بىلەن قۇچاقلىشىش. ئەلۋەتتە بۇ خىزمەتنىڭمۇ بەلگىلىك خەتىرى بار بولىدۇ، مەسىلەن، خېرىدارلارنىڭ بەدىنىدە ئازراق سېسىق پۇراق بولۇشى مۇمكىن، ياكى خېلى كۈنلەرگىچە يۇيۇنمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ياخشى بولغان ۋاستىچىلىك شىركىتى خېرىدارلارغىمۇ شەخسى تازىلىق جەھەتتە مەلۇم تەلەپلەرنى قويىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كەسپىي قۇچاقلىغۇچىلار بىر سائەتتە تەخمىنەن 80 ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 550 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا) تاپالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كەسىپكە قاتتىق تەلەپ ۋە بەلگىلىمە قويۇلغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇشقا بولمايدىكەن. بۇ كەسىپ ئاساسلىقى ھېسسىيات جەھەتتىن ئازار يېگەن، ۋە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

5. كالنىڭ ئوسۇرۇقىنى پۇراپ باھالىغۇچى

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ خىل كەسىپ كالىنىڭ ئوسۇرۇقىنى پۇراش سېزىمى ئارقىلىق پۇراپ باھالاش خىزمىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاڭلىماققا ناھايىتى غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەسپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىزمەتنىڭ مۇۋاپىق بولغان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى بار بولۇپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كالىنىڭ ئوسۇرۇقىنى پۇراش ئارقىلىق، بۇ كالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى يېمەكلىكنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىگە، تېنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ خىزمەت ئاڭلىماققا ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ كەسىپنىڭ ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىغا قويىدىغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھاراق-تاماكا قاتارلىق پۇراش سېزىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرگە يېقىن كېلىشكە بولمايدۇ.

6. ئەرمەك ھايۋان يېمەكلېكىنى باھالىغۇچى

ناھىيەسىگەرچە ھەربىر ئىتنىڭ ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىنىڭ ساغلام، مەززىلىك تاماقلارنى يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۆزى بېرىپ، ئەرمىكىنىڭ تامىقىنى تېتىپ باقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرمىكىنىڭ تامىقىنى ئۆزى تېتىپ كۆرۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، چۈنكى بەزى دۆلەتلەردە مەخسۇس مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بار. گەرچە بۇ ئىش بىزگە ناھايىتى غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (276 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، ئاساسلىقى ئىتقا بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە باھا بېرىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئالدى بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى باھالاپ، ئاندىن تېتىپ كۆرگەن يېمەكلىكنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.

7. كەسپىي ئۆچىرەتتە تۇرغۇچىلار

سىز دائىم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يېڭى يانفون سېتىۋېلىشتىن بىزار بولدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا سىز بىر كەسپىي ئۆچىرەتتە تۇرغۇچىنى ئورنىڭىزغا ئۆچىرەتتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتى مەيلى نەچچە مىنۇت، نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە كۈن بولسۇن، ئۇلار ھەممىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. بىر كەسپىي ئۆچىرەتتە تۇرۇش خىزمەتچىسى ھەر ھەپتىدە 1000 ئامېرىكا دوللىرى (يەتتە مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تاپالايدۇ. ئادەتتە دەسلەپكى بىرىنچى سائەتكە 25 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 170 يۈەن خەلق پۇلى) ئەتراپىدا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يېرىم سائەتكە 10 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 70 يۈەن خەلق پۇلى) ھەق ئېلىنىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىزنىڭ ئارتۇقچە ۋاقتىڭىز بولسا، تېز پۇل تېپىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى