يېمەك-ئىچمەك

يەلقازان شورپىسى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلىۋېلىڭ

دانىخورەك دېگەندەك نەرسىلەر چىقىپ قالسا، ئادەم جىسمانىي جەھەتتىن بىئارام بولغاندىن باشقا يەنە يەلقازان شورپىسى، تۈرلۈك ئاچچىق كاۋاپلارنى يېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئاچچىق نەرسە يېسە دانىخورەك چىقىش ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن قورقىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق غىزالانغاندا دانىخورەك چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ يەلقازان شورپىسىنى قانداق يېگەندەك دانىخورەك چىقمايدۇ؟

بۇ توغرىسىدا ئەل ئارىسىدا نۇرغۇن خاتا كۆز قاراشلار ساقلىنىپ كەلگەن.

بۇنىڭ بىرىنچىسى قىزىلمۇچ يېسە دانىخورەك چىقىدۇ.

كىشىلەر ئارىسىدا «ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېگەندەك تېرىگە دانىخورەك چىقىپ كېتىدۇ» دەيدىغان كۆزقاراش بار. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق. لازىدا دانىخورەك چىقىرىدىغان ۋىرۇسنىڭ بار-يوقلۇقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتىدۇر.

ئۇنداقتا نېمىشقا بەزى كىشىلەر يەلقازان شورپىسى ياكى ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىنلا ئەتىسى يۈزى قىزىرىپ قالىدۇ.

ئەسلەپ بېقىڭ، سىز يەلقازان شورپىسى ئىچكەندە قىزىلمۇچ قىيامى، موگو قىيامى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قىيامى، كۈنجۈت قىيامى دېگەندەك تۈرلۈك قىياملارنى قوشۇپ يەيسىز، شۇنداققۇ؟! ھەر بىر خىل قىيامدىن بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن سېلىپ يېگەندە ئاندىن يەلقازان شورپىسى ئىچكەندەك بولىسىز. بۇنداق يېگەن يەلقازان شورپىسىدىكى تۇز مىقدارى، شېكەر، ماي مىقداردىمۇ بەكلا يۇقىرى بولىدۇ.

يەنە بىر سورىسام، سىز بىر تەرەپتىن يەلقازان شورپىسى يېگەچ بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «سوغۇق» چاي، ئىچىمىكلەرنى ئىچىسىز! بۇ چاينىڭ تېخى «ئىسسىقنى ئېلىش»رولى بار. بىراق بۇ چاي سېپى ئۆزىدىن شېكەر مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولغان ئىچىملىك. ئۇنىڭدىن باشقا يەلقازان شورپىسىدىكى ماي، بۇس قاتارلىقلار تېرىنىڭ ماي ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئوڭايلا دانىخورەك چىقىدۇ. بۇلار تېخى كاربونلۇق ئىچىملىكنى قوشۇپ ئىچمىگەندىكى ئەھۋاللار.

بىچارە قىزىلمۇچ مۇشۇ دانىخورەك چىقىرىدىغان شېكەر، تۇز، ماي مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ئۈچۈن شۇنچە يىل «تۆھمەت»كە چىدىدى.

يەلقازان شورپىسى ئىچكەندە، مۇھىتى ياخشى، ماي بۇسى ئاز ئاشخانىلارنى تاللاپ كىرگەندىن كېيىن ماي ۋە تەم خۇرۇچلىرى ئازراق بولغان شورپا تۈرىنى تاللاش كېرەك. ئامال بار شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك. شۇنداق بولغاندا دانىخورەك سىزدىن يىراق تۇرىدۇ.

خاتا كۆز قاراشلارنىڭ ئىككىنچىسى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دانىخورەك چىقىرىدۇ.

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بەزى كىشىلەرگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن، بىراق دانىخورەك چىقارمايدۇ.

خاتا كۆز قاراشلارنىڭ ئۈچىنچىسى، ماي دانىخورەك چىقىرىدۇ.

ماينى ئىستېمال قىلىشنىڭ دانىخورەككە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر يەكۈن يوق. ئومېيگا ئالتە ياغ كىسلاتاسى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق ئومېيگا ئۈچ ياغ كىسلاتاسى ياللۇغ ئالامەتلىرىگە قارشى تۇرالايدۇ.

شۇڭا ئادەتتە تامىقىمىزدا ئومېيگا ئۈچ ياغ كىسلاتانىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. مەسىلەن: شاپتۇل، ئۆسۈملۈك مىيى، زېغىر يېغى قاتارلىقلارنى، مېۋىلەردىن پېرسىيە ئامۇتى قاتارلىق ئومېيگا ئۈچ ياغ كىسلاتاسى تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مايلىق نەرسىلەرنى ئامال بار ئاز ئىستېمال قىلىشىمىز لازىم.

ھەقىقىي چەكلەشكە تېگىشلىك يېمەكلىكلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1.شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر

تولا دانىخورەك چىقىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇلار ئەڭ چوڭ دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ. شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ دانىخورەك چىقىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى كىلىنكىدا ئىسپاتلانغان.

شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن، بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان ئىچىملىك، پىرەنىك، تورت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى بىلىشىمىز لازىم.

تۆۋەندە يەنە شېكەر مىقدارى يۇقىرى مېۋىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بېرىلدى.

قۇرۇق ئۈزۈم %83.4

شىرنىلىك ئاناناس %25.7

بانان شۆپىكى %22

ئەبنۇس %18.5

ئانار %18.5

ئامۇت %16.1

سېرىق شاپتۇل %14.0

 

ئالما 13.7%

ئاپېلسىن ۋە ئاپلېسىن سۈيى %13.7

2. تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاسان دانىخورەك چىقىپ قالىدىكەن.

دۇنيادا مۇنداق بىر سىرلىق جاي بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە پەقەتلا دانىخورەك چىقمايدىكەن. ئۇ بولسىمۇ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدىكى تروپرىياند ئارىلى(Trobriand Islands). بۇ نىسبەتەن يېپىق ھالەتتىكى ئارال بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. ئۇلار ئاساسلىقى قوناق، يەرياڭىقى، تېرىق قاتارلىق كاربول سۇ مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتاتلارنىڭ يىلتىزى ۋە چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىقلارنى يەيدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئەزەلدىن دانىخورەك چىقمايدىكەن.

ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەمنىڭ غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بىراق ئاسان دانىخورەك چىقىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن مۇھىم.

1.تەركىبىدە ۋېتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ.

ۋېتامىن A تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، تۈك خالتىسىنىڭ مۈڭگۈزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېرە ئۈستى تەر بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، يەنە بەدەن سىرتىغا چىققان ماددىلارنىڭ تېرە يۈزىنى خورىتىشىنى ئازايتىدۇ.

2. ۋېتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ.

ۋېتامىن B تېرىنىڭ نەملېكىنى ۋە سىلىقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. بولۇپمۇ ۋېتامىن B2 تېرە يېغىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋېتامىن B6 تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ.

سىنىك تېرە يېغى بېزىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى كونترول قىلىپ، ھۈجەيرىلارنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى ۋە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى ئازايتىدۇ.

ئادەتتە گۆش، تۇخۇم، كۆكتاتلارمۇ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B ۋە سىنىك قاتارلىق تېرىگە پايدىلىق ماددىلار مول.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى