ساغلاملىق

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتسە بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك بېرىڭ

نۆۋەتتە ھازىرقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نىسبەتەن تۆۋەن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش ئۇلار چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، بولمىسا بەك بالدۇر يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن، كۈندىلىك كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

1. كۆممىقوناق

كۆممىقوناقنى كۆپ يېگەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چۈنكى كۆممىقوناق تەركىبىدە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا كۆك نۇرغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆممىقوناق تەركىبىدىكى بەزى باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار كىشىلەرنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، شۇڭا كۆممىقوناقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللېكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

2. دېڭىز بېلىقى

نۇرغۇن كىشىلەر دېڭىز بېلىقى تەركىبىدە ئاقسىلنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى ھەمدە بېلىق يېيىشنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بېلىق گۆشى باشقا گۆشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بېلىق گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كىشىلەرگە يۇقىرىقىدەك ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ بېلىق كۆزىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ياخشىسى كۈندىلىك تاماقتا بېلىق تۈرىدىكى قورۇمىلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

3. سەۋزە

سەۋزە تەركىبىدە بىر خىل ئالاھىدە ماددا، يەنى كاروتىن بار بولۇپ، بۇ خىل ئېلېمېنت كۆك نۇرغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناچار نۇر دەستىسىنىڭ ئادەم كۆزىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدايدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر سەۋزىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. سەۋزىدىن ئىبارەت بۇ خىل يېمەكلىكنى پىشۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، قورۇپ يېيىش، شورپا قىلىپ ئىچىش ياكى توغراپ بەنشىر قىيمىسىغا سېلىپ يېيىش قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدىكى ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى سەۋزىنى خام يېيىش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

4. سۆسۈن ئۈزۈم

سۆسۈن ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە گۈل ھۆسنى ماددىسى ناھايىتى كۆپ، بۇ خىل ئېلېمېنتلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش رولى بار، شۇڭا بۇ خىل ئېھتىياجلىق كىشىلەر سۆسۈن ئۈزۈمنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆسۈن ئۈزۈمنى چوقۇم ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى يېشىل ئۈزۈمنىڭ ئىچىدە بۇ خىل ئېلېمېنت يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينۇلا بىلەن قارا رەڭلىك كالىفورنىيە ئالوچىسىمۇ بار، شۇڭا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدىماقچى بولغانلار بۇ مېۋىلەرنى كۆپرەك يېسىمۇ بولىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدىماقچى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندىن باشقا، يەنە تەركىبىدە ۋىتامىن A، B، C، E بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل ۋىتامىنلارمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش رولىغا ئىگە. بۇ ئاساسلىقى ۋىتامىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولىغا تايىنىدۇ. بۇ خىل رول ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە بولغان زىيىنىنى يېنىكلىتىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى

Warning: failed loading cafile stream: `/etc/pki/tls/certs/ca-bundle.crt' in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-content/plugins/wp-autopost-pro/wp-autopost-function.php on line 3431

Warning: file_get_contents(): Failed to enable crypto in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-content/plugins/wp-autopost-pro/wp-autopost-function.php on line 3431

Warning: file_get_contents(https://www.nur.cn/lists/99/1.shtml): failed to open stream: operation failed in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-content/plugins/wp-autopost-pro/wp-autopost-function.php on line 3431