ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن ئادەم قانچە ھورۇنلاشقانسىرى سالامەتلىكى شۇنچە ناچارلىشىدۇ؟

بىز دائىم تۇرمۇشتا ئالدىراشچانلىق ياكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دائىم قىزىقىشى بار كىشىلەرنىڭ بىر قەدەر ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋېلىشقا ياكى ناھايىتى ئۇزاق يول مېڭىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئائىلىدىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان بوۋاي ياكى مومايلارنىڭ سالامەتلىكى ئادەتتە ئانچە ناچار بولمايدۇ. ئەكسىچە ھەممە ئىشقا پۇل خەجلەيدىغان ياكى باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، «كىيىم-كېچەككە قول ئۇزىتىدىغان، تەييارغا ھەييار بولىدىغان» كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغاندا سالامەتلىكى ناچار، كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. ياكى يارتا پالەچ بولۇپ يول ماڭالمايدۇ، ۋە ياكى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئۆمۈر تۇرمۇشتا بەك ھۇرۇن بولۇپ كەتكەنلىكنىڭ سەۋەبى.

سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ %60تىن كۆپرەكىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. سالامەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى ئاساسلىقى بىزنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمىزگە باغلىق.

 

بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىدەك كۆپ ھاللاردا بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىتا «ھۇرۇن» ياكى «ئىشچان»لىقىغا قارايمىز، ئادەتتە تۇرمۇشتا ھەرىكەت كەمچىل، يېمەك-ئىچمەك ئوزۇقلۇقى تەڭپۇڭ بولمىغان ياكى پاسسىپ، چۈشكۈن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتا ئىنتايىن ھۇرۇن كىشىلەردۇر.

نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟

مەسىلەن: تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلغاندىلا، ھەرىكەتنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەبىئىي ھالدا تەتقىق قىلغىلى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە ھەرىكەت قىلغاندا قانداق ئاياغ ياكى كىيىم كىيىدۇ؟ قايسى ۋاقىت ياكى قانداق ھاۋا رايى ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى؟ كۆپ ھاللاردا ئادەم مەشىق قىلمىسىمۇ، تەبىئىي ھالدا ناھايىتى تەجرىبىلىك بولۇپ كېتىدۇ.

ئۆيدە تاماق ئېتىپ كۆنۈپ قالغان ئادەم قانداق قورۇما يېيىشنى ياخشى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە كۆكتات سېتىۋالغاندا قايسى خىل يېمەكلىك ماتېرىيالىنى تاللاش، قانداق قىلغاندا تەمى ياخشى ھەم ساغلام بولىدۇ، خام ياكى پىششىق يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلغاندا بىر قەدەر ساغلام ۋە بىخەتەر ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەندەكلەرنى پىششىق بىلىدۇ، شۇڭا ساغلام غىزالىنىشنى بىلىدىغانلار، كەسپىي جەھەتتە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئوزۇقلۇق بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلەردىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار.

روھىي ھالىتى ئالاھىدە ياخشى كىشىلەر كىتاب ئوقۇش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش، ناخشا ئېيتىش، تىرىشىپ ئۆگىنىش قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى ئۇخلايدىغانلار بولسا ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىنى چىلاپ، بېشىنى يۇيۇپ، يۇيۇنۇشقا ئادەتلەنگەن ياكى دائىم كىيىم-كېچەك، يوتقان كىرلىكى، ياستۇق قېپىنى يۇيۇپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، تۇرمۇشقا كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىشچان كىشىلەردۇر.

شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ساغلام بەدىنى بولۇش-بولماسلىقىدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ھۇرۇن ياكى ھۇرۇن ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. كۆپ ھاللاردا قانچە ھۇرۇن ئادەمنىڭ سالامەتلىكى قانچە ناچار بولسا، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بىر ئايال ھەم سېمىز ھەم سەت، ئاساسلىقى ھەرىكەت قىلمايدۇ، ياسىنىش ياكى گىرىم قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا «سەت ئايال يوق، ھۇرۇن ئايال بار» دېگەن گەپ بار. ئادەتتە قانچە ساغلام ئاياللار شۇنچە چىرايلىق بولىدۇ. ئەمما بىر ئەر كىشىنىڭ بەستلىك ياكى سېمىز، قورسىقى يوغان بولىشى، ئەڭ ئاساسلىقى يېتەرلىك ھەرىكەت بولماسلىقى سەۋەبلىك. ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ، تۇرمۇشتا ناچار ئادەتلەر ناھايىتى كۆپ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

بىر ئۆمۈر ساغلام بەدەن بولۇش كېرەك، تۇرمۇشتىكى «كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش» ۋە بەدەننى ئاسراش جەھەتتە بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىمىز ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ساغلام كۈتۈنۈش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتە، ئۆزى ياخشى قىلالايدىغانلىرى بولسا، ئىمكان قەدەر مۇتەخەسسىس ياكى ترېنېرغا تايىنىۋالماسلىق، ئاز پۇل خەجلەش ياكى خەجلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى پۇلغا تۇرمۇشتكى ياخشى ئادەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئادەمنى بارغانسېرى ھۇرۇن قىلىپ قويىدۇ، سالامەتلىك بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ ھۇرۇنلۇق ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغان «ئىشچان ئادەم» بولايلى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى