تەبىئەت

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

كۆپچىلىككە مەلۇم، تەبىئەت دۇنياسى ئىنتايىن رەھىمسىز، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، ھەر بىر جانلىق ياشاش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولىدۇ. ن ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىكى ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈگۈرۈشكە ماھىر كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس مۇداپىئە قورالىغا ئىگە. ئەمما بۇ ئۈچ خىل ھايۋان كۈشەندىلىرىنىڭ ئوۋلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇيۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدۇ.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

ئارقار (盘羊) (چىشىسى ئ‍ارقار، ئ‍ەركىكى غۇلجا دېيىلىدۇ)

ئارقار قويلار ئىچىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئىگىز جايلاردا ياشايدۇ، ئارقارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەيلى چىشىسى ياكى ئەركىكى بولسۇن ھەممىسىنىڭ مۈڭگۈزى بار، ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈزى تېخىمۇ چوڭ ھەم ئەگرى.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

ئارقارغا نىسبەتەن مۈڭگۈز ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قورالىدۇر، ئۇلار بىر جۈپ مۈڭگۈزىگە تايىنىپ دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرالايدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدە مۈڭگۈزىنى ئ‍ىشقا سېلىپ دوئىلغا چۈشىدۇ، ئەمما ئ‍ويلىمىغان يەردىن بۇ مۈڭگۈز ئ‍ۆزىنى زەخىملەندۈرۈپ ئ‍ۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى ئۆسۈشتىن توختاپ قالمايدۇ، ئادەتتە يېشى قانچە چوڭ ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى شۇنچە چوڭ ھەم ئېغىر بولىدۇ، قېرى ئارقارنىڭ بۇنداق ئېغىرلىقتىكى مۈڭگۈزىنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشى ئىنتايىن قولايسىز بولغاچقا، ئاسانلا ئوۋغا ئايلىنىپ قالىدۇ، يەنە شۇ مۈڭگۈزىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بىرەر نەرسە يېيەلمەي ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالىدۇ.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى بۇرمىسىمان شەكىلدە ئۆسكەچكە، بەزىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەگرى ئۆسۈپ يۆنىلىشى باش قىسمىغا توغرىلىنىپ، ئۆسۈش جەريانىدا ئاستا ـ ئاستا باش قىسمىغا سانجىلىپ ئۆلۈپ قالىدۇ، بۇ جەريان ئارقار ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

يەنە بىر خىل ھايۋاننىڭ قىسمىتىمۇ ئ‍ارقاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى بابىرۇزا توڭگۇزى (鹿豚).

ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغىنى مۈڭگۈز ئەمەس بەلكى ئ‍ۇنىڭ چىشىدۇر. بابىرۇزا توڭگۇزىنىڭ تاشقى قىياپىتى ياۋا توڭگۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ، ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاشلا چىش چىقىدۇ، لېكىن بابىرۇزا توڭگۇزىنىڭ ئېغىزىدىن ئىككى تال چىش ئۈنۈپ چىققاندىن باشقا، يەنە بۇرۇننىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى تال چىشى بار. ئۇلار ئادەم ئاياغ باسمايدىغان ئورمانلىقتا ياشايدۇ.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

بۇنداق چىش ئاساسلىقى تالان ـ تاراجدىن ساقلىنىشتا، جورا ئىزدەپ دوئىلغا چۈشۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، بابىرۇزا تۇڭگۇزىغا نىسبەتەن ئارتۇق چىققان ئىككى تال ھىڭگاڭ چىش جەڭ قىلغاندا ھېچقانداق پايدىسى يوق.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

ئەلۋەتتە، بابىرۇزا تۇڭگۇزىنىڭ ھىڭگاڭ چىشى ئ‍ارقارنىڭ مۈڭگۈزىگە ئوخشاش ناھايىتى يوغان ھەم ئېغىر ئەمەس، ئەمما بابىرۇزا توڭگۇزىنىڭ ھىڭگاڭ چىشى كۆپ ھاللاردا زىيادە ئۆسۈپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا سانجىلىپ ئۆلۈپ قالىدۇ.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

ئاخىرقىسى كۆپچىلىككە بىر قەدەر تونۇش بولغان تاشپاقا. تاشپاقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى تاشپاقا قېپى، ئۇلار گەرچە ناھايىتى ئاستا ھەرىكەت قىلسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن قاتتىق تاشپاقا قېپىغا تايىنىپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالايدۇ. ئەڭ ۋەھشىي ھايۋان بولسىمۇ تاشپاقىنىڭ قېپىنى تېشەلىشى ناتايىن، ئەمما تاشپاقىنىڭ تۆت پۇتى ئ‍اسمانغا قاراپ قالسا ئاسانلىقچە ئۆرۈلەلمەيدۇ.

ئ‍ۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان ئ‍ۈچ ھايۋان

كىچىك تاشپاقىنىڭ بەدىنى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بەدىنىنى ئۆرۈيەلەيدۇ، ئەمما چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تاشپاقا قېپىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بەزى تاشپاقىلار يەر شەكلىگە تايىنىپ بەدىنىنى ئۆرۈيەلەيدۇ، ئەگەر يەر يۈزى تۈز بولسا، ئادەتتىكى قۇرامىغا يەتكەن تاشپاقىنىڭ ئۆرۈلۈشى تەسكە توختايدۇ، ئەگەر تۆت پۇتى ئاسمانغا قاراپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
يۇقارقى ئۈچ خىل ھايۋان ئەمەلىيەتتە ھايۋانات دۇنياسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى خالاس. تەبىئەتتە نۇرغۇن ھايۋانلار بار، گەرچە ئۇلار ئىنتايىن كۈچلۈك مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قورالىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ قوراللىرى ئاستا ـ ئاستا ئۇلارغا يۈك بولۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بېشىغا چىقىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى