ئالەم

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

يەر شارىدا، قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن جايلار يەر شەكلى ۋە كىلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بارا-بارا چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەن، مەسىلەن، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ كىلىماتى ناچار، ھۆل-يېغىن ئاز بولۇپ، ھاياتقا نىسبەتەن دوستانە بولمىغانلىقتىن، ھاياتلىقنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ئايلىنىپ قالغان. بىراق، ئالىملارنىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ھەرقانداق قۇرۇقلۇقتىن جايلاردىمۇ چوڭ بولغان كۆلىمى 37 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان غايەت زور «ھاياتلىق چەكلەنگەن جاي» بار بولۇپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ھاياتلىق چەكلەنگەن رايونغا ئايلانغان.

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

بۇ جاي جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق بىر قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتتا ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بۇ جايغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تاسادىپىي يۈز بەرگەن بەزى چوڭ ۋەقەلەردىن باشقا، بۇ يەر دۇنيا بويىچە ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ ساندىكى سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان جاي.

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بۇنداق چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يىراق، ئىنسانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە جانلىقلار تۈرى مول، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئالىملار ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ 37 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز رايونىدا ئەمەلىي ھاياتلىقنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ دېڭىز-ئوكياندىكى ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون بولۇپ قالغان، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

ئەسلىدە بۇ يەر ئەتىراپتىكى ھەرقانداق بىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىنتايىن يىراق بولغاچقا، قۇرۇقلۇقتىكى ئورگانىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بۇ يەرگە يەتكۈزۈلۈشى ناھايىتى تەس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز-ئوكيان ئايلانما ئېقىمى بۇ دېڭىز تەۋەسىنى باشقا دېڭىز رايونلىرىدىن ئايرىپ تۇرغاچقا، ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ناھايىتى بولغان؛ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر يەنە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان شۇ سەۋەبتىن يەر شارىدىكى ئەڭ سۈزۈك دېڭىز-ئوكيانغا ئايلانغان، خۇددى قۇرۇقلۇقتىكى قۇملۇققا ئوخشاپ قالغان.

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمى يەر شارىدىكى پۈتكۈل دېڭىز-ئوكيان يۈزىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدۇ، ئالىملارنىڭ بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاز. بۇ جايدىكى ھاياتلىقنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ دېڭىز-ئوكيان مىكرو ئورگانىزىملىرى تەتقىقات ئورنى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ئەۋەتكەن، ئۇلار چىلىدىن يولغا چىقىپ پۈتكۈل ھاياتلىق چەكلەنگەن بۇ رايوننى كېسىپ ئۆتۈپ يېڭى زېلاندىيەگە بېرىپ، ئالتە ھەپتە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەتقىقاتچىلار سەپەر ئۈستىدە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان ئانالىز قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، 20 مېتىردىن 5000 مېتىرغىچە بولغان دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىچكىرىسىدىكى مىكرو جانلىقلار تۈركۈمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتلانتىك ئوكيان ئايلانما ئېقىمىغا سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۈچتىن بىر قىسىم ھۈجەيرە ئازىيىپ كەتكەنلېكىنى بايقىغان، بۇ بەلكىم تارىختىن بۇيان دېڭىز-ئوكيان سىرتقى يۈزىدىكى سۇ دائىرىسىدە ئۆلچەنگەن ئەڭ تۆۋەن ھۈجەيرە سانى بولۇشى مۇمكىن.

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى دېڭىز سۈيى ۋە كۈچلۈك قۇياش رادىياتسىيەسى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە جاينى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەپ، ئۇنى ھاياتلىق چەكلەنگەن جايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، شۇڭا بۇ جايدا دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ياشىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان.

دېڭىز-ئوكيان ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىستېرېئولۇق سۇ جانلىقلىرى سارىيى ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن دېڭىز ئاستىغىچە، جەنۇبىي قۇتۇپتىن شىمالىي قۇتۇپقىچە، تىنچ ئوكياندىن ئاتلانتىك ئوكيانغىچە ھەممە يەر دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ شادلىق باغچىسى دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز؛ ئەمەلىي دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان رايونلارمۇ ئىنتايىن تار بولۇپ، كۆپىنچىسى قۇرۇقلۇق ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارقالغان بولىدۇ. قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئىنسانلار بارغانسېرى كۆپلىگەن زەھەرلىك ماددىلار ۋە بۇلغىمىلارنى دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىپ، بۇ جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىپ ئۆزىمىزگە ۋە تەبىئەتكە زىيان سېلىۋاتىمىز.

 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۆللۈك بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

قۇرۇقلۇق قارىماققا ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ھاياتلىق ياشاشقا ماس كېلىدىغان جاي ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، دېڭىز-ئوكيانلارمۇ قارىماققا تېخىمۇ چوڭ، ئەمما ھاياتلىق چەكلەنگەن رايونلارمۇ قۇرۇقلۇققا ئوخشاشلا چوڭ. بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جاي دەل ھاياتلىققا ئەڭ دوستانە جاي، شۇڭا بىز پەقەت ھازىرقى ياشاۋاتقان ماكانىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاسرىغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى