تەبىئەت

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

ئاغمىخان يېزا-قىشلاقلاردا ئىزچىل قويۇق سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئىنتايىن غەلىتە ھايۋان، كىشىلەرنىڭ ئاغمىخانغا نىسبەتەن ئازراق قورقۇش پىسخىكىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىق ئاغمىخان كىشىلەرنى ئازدۇرالايدۇ دەپ رىۋايەت قىلىنغان، گەرچە بۇ بىر خىل غەلىتە قاراش بولسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

سېرىق ئاغمىخان يەنە ئاغمىخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسمىدىنلا مەلۇمكى، ئۇ ئاغمىخان ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، سېرىق ئاغمىخانمۇ باشقا نۇرغۇن ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشاش تېنىدە سېسىق بەز بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ خەتەرگە يولۇققاندا سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ، ئۇ پۇراق قويۇق ھەم ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بولۇپ، ئادەم بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا قىسقا ۋاقىت باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر يېزىلاردا ئاغمىخاننىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا سېرىق ئاغمىخان دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. سېرىق ئاغمىخان يېزىدىكى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە سېسىق نامى پۇر كەتكەن ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تېرىسى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ئىنتايىن قىممەتلىك.

بىرىنچى، سېرىق ئاغمىخاننىڭ تېرىسىمۇ سېرىق بۆرە تېرىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، ئۇ بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك تېرە خام ماتېرىيالى بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن جۇۋا تېرىسىدىن پەلتۇ ياسىغىلى بولىدۇ، قىشتا ئۇنى كىيسە ناھايىتى ئىسسىق تۇرىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، نۇرغۇن بايلار جۇۋا تېرىسىگە ئىنتايىن ئامراق ئىدى، بولۇپمۇ سوغۇق شەرقىي شىمال رايونىدا، تېرە پەلتوسىنىڭ خام ئەشياسىمۇ ناھايىتى كۆپ خىل ئىدى، لېكىن يەنىلا سېرىق ئاغمىخاننىڭ تېرىسى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالغان بولۇپ، بىر قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر بىباھا گۆھەر.

 

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

ئىككىنچى، سېرىق ئاغمىخاننىڭ قۇيرۇقىدىكى تۈكلەر ئەلا سۈپەتلىك موي قەلەم ياساشنىڭ ئەڭ ياخشى خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى، يەنى بىز جۇڭگولۇقلار بۆرە مويى دەپ ئاتايدىغان موي قەلەم، بۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر بۆرە مويىنى موي قەلەم قىلغان دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ سېرىق ئاغمىخاننىڭ مويىدىن ياسالغان، شۇڭا ئاغمىخاننىڭ يۇڭى ئىزچىل تۈردە ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېكسپورت بۇيۇمى بولۇپ كەلگەن.

ئۈچىنچى، سېرىق ئاغمىخاننىڭ گۆشىنى يېگىلى بولغاندىن سىرت، دۆلەت ئىچىدىمۇ بىر خىل قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى بولۇپ، قورساق ئاغرىقى، قىچىشقاق، تەرىتىنى تۇتالماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالايدۇ. ئۇنداقتا، ئاغمىخاننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇقلۇق، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇنى باقىدىغان ئادەم يوق؟

 

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

بىرىنچى نوقتا، سېرىق ئاغمىخاننىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، بىر يىلدا ئاران بىر قېتىم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا ئىككىدىن سەككىزگىچە تۇغىدۇ، توققۇز ئايدىن ئون ئايغىچە بولغاندا ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئاغمىخاننىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر ئاستا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشقا تايانغاندا تەننەرخى بەك تۆۋەن بولىدۇ.

ئىككىنچى نوقتا، كۆندۈرۈش تەس، سېرىق ئاغمىخان بولسۇن ياكى باشقا ئاغمىخان بولسۇن ياۋايىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئىنتايىن زېرەك ۋە قۇۋ، ھەرىكىتى چاققان، ئىگىزگە يامىشىش ۋە سۇ ئۈزۈشكە ماھىر كېلىدۇ، يەنە تېخى ئىگىزگە سەكرىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سېرىق ئاغمىخاننىڭ سەزگۈرلۈكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ، دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە دۇچ كەلگەن ھامان، ناھايىتى ۋەھشىيلەرچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بىر سېسىق پۇراق قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئەگەر ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇ چىقارغان سېسىق پۇراقتا قالسا، يېنىك بولغاندا بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئېغىر بولغاندا شۇ يەردىلا ھوشىدىن كېتىدۇ.

 

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

ئۈچىنچى نوقتا، بېقىش تەننەرخى بەك يۇقىرى، ئاغمىخاننىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بەك قالايمىقان، ئەگەر دالىدا بولسا، كۆپىنچىسى چاشقان ۋە ياۋا توشقاننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، لېكىن باقمىچىلار باققاندا ئادەتتە يېمەكلىكى، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، توخو ياكى توخونىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلارنى بېرىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى باقمىچىلار ھەقىقەتەن بېقىپ بولالمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا قوتان قۇرۇلۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاغمىخاننى سولاپ قويغاندا ھىيلىگەرلىك بىلەن كامار كولايدۇ، قوتان قۇرۇلۇشى ياخشى بولمىسا بېقىلغان ئاغمىخان ئوغرىلىقچە قېچىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغمىخاننىڭ باقمىچىلىق پايدىسى يۇقىرى ئەمەس، ھەر بىرىدىن ئاران 200 يۈەن ئەتراپىدا پايدا چىقىدۇ.

سېرىق ئاغمىخاننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر تۇرسىمۇ، نېمىشقا ھېچكىم باقمايدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى