تەبىئەت

تەبىئەت دۇنياسىدىكى «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»

تەبىئەت دۇنياسىدىكى «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»

تەبىئەت دۇنياسى ئىنتايىن خەتەرلىك مۇھىت بولۇپ، ھەرخىل تەبىئىي مۇھىت جانلىقلارغا ئەجەللىك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن كۈشەندىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆپىيىشنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، كۆپلىگەن جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەر خىل ئاجايىپ تاشقى قىياپەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ئۇلارنى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئۇلارنىڭ تەبىئىي توسۇقىغا ئايلاندۇرغان. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»نى كۆرۈپ باقايلى، ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنى تاپالىشى ناتايىن.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»

تاش بېلىق

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرىدۇكى، ئۇ بىر سەت تاش قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. تاش بېلىق ئادەتتە لاي ئاستىدا ياكى دەريا ئېغىزىدا ياشايدۇ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاستا ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، شۇڭا دۈشمەن ياكى يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ، باشقا جانلىقلار بۇنى پەقەت بىرقانچە تاش دەپ خاتا تونۇپ قېلىپ، ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، بېلىجان، راكلار ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئاندىن بۇنىڭ ھەرىكەتلىنەلەيدىغان تاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»

خازان كېپىنىكى

ئۇنىڭ نامىمۇ بىزگە شۇنى بىلدۈرمەكچىكى، ئۇ خازان شەكلىدە نىقابلىنالايدۇ. خازان كېپىنىكى ئاساسلىقى چىرىگەن مېۋە ياكى دەرەخلەرنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ، شۇڭا خازان كېپىنىكى كۈشەندىلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن نىقابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خازان كېپىنىكىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئۇ دۈشمەنگە يولۇققاندا دەرھال دەرەخزارلىققا قاراپ ئۇچۇپ قۇرۇق يوپۇرماق ياكى دەرەخ غولىغا قونۇۋالىدۇ، ئۇ يوشۇرۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىنسانلار ئۇنى تاپالىشى ناتايىن. خازان كېپىنىكى پەقەت بىرلا خىل رەڭدە بولمايدۇ، ئۇ پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىتقا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى «نىقابلىنىش ئۇستىلىرى»

بامبۇك بوغۇم قۇرتى. تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، سىرتقى كۆرۈنۈشى خۇددى بىر بوغۇملۇق بامبۇكقا ئوخشايدىغان بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇمۇ خازان كېپىنىكىگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاخ-شۇمبىلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى بىلەن نىقابلىنىپ، كۈشەندىلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ ياكى ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى