يېمەك-ئىچمەك

12 يىلدا بىر قېتىم پىشىدىغان ئاگاۋا

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچىش ئادىتى بار، كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىغاندا دائىم يىغىلىپ ھاراق ئىچىدۇ، بۇ چاغدا تاماق ئۈستىلىدە ھاراق كەم بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ھاراق تۈرلىرى ناھايىتى مول، بازاردا سېتىلىۋاتقان ھاراق ماركىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يەرلىك ماركىلارمۇ، ھەم چەت ئەل ماركىلىرىمۇ بار.

بۇنىڭ ئىچىدە ئاگاۋا ھارىقى دۆلەت ئىچىدە بازىرى ئىتتىك بولغان سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن ھاراقلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خىل ھاراقنىڭ خام ماتېرىيالى ئامېرىكا ئاگاۋاسىدىن ئېلىنغان. ئامېرىكا ئاگاۋاسىدىن ھەر 12 يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ، چەت ئەللەردە دائىم ئۇنى مەززىلىك تائاملار ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئېچىتىلغان ئاگاۋا ھارىقىمۇ ئىنتايىن كۆپ، لېكىن دۆلىتىمىزگە ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاگاۋاسى پەقەت كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

 

12 يىلدا بىر قېتىم پىشىدىغان ئاگاۋا

ئاگاۋا بىر خىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئۇ كۆپ ساندىكى ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ. ئاگاۋا تۈرىدىكى بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مەنزىرە بويۇم ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شەكلى ئالويغا بىر قەدەر ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما يوپۇرمىقى ئالويغا قارىغاندا خېلىلا ئۇزۇن، يوپۇرمىقىنىڭ يۈزى سىلىق، ھەم سانى كۆپ بولىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، تېرىپ 12 يىلدا ئاندىن پىشىش مەزگىلىگە كىرىپ ئاندىن مېۋە بېرىدۇ.

ئاگاۋا مېۋىسى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، ھەقىقەتەن بەك چوڭ، خۇددى چوڭايتىلغان غايەت زور ئاناناسقا ئوخشاش، چەت ئەلدە بۇنى يىغىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم قوپال بولۇپ، ئاۋال يوپۇرماقلىرىنى بىۋاسىتە كېسىۋېتىدۇ، ئاندىن مېۋىسىنى كېسىپ ئالىدۇ.

 

12 يىلدا بىر قېتىم پىشىدىغان ئاگاۋا

چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن رايونلاردا ئاگاۋا تېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكىدا تېرىلغان ئاگاۋا ئەڭ داڭلىق، كىشىلەر مېكسىكىنى «كۆك ئاگاۋا» دۆلىتى دەپ ئاتايدۇ، شۇ جايدا ئاگاۋا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئېسىل تائام ھېسابلىنىدۇ، بۇ جايدىكى كىشلەرنىڭمۇ ئاگاۋادىن پايدىلىنىپ تاماق ئېتىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى ياكى سىرتقى پوستىنى ئوتقا قاقلاپلا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تېتىتقۇ ماتېرىياللىرىنى سېپىپلا كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئاددىي بولغاچقا، ئاگاۋا كاۋىپى مېكسىكىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نازۇ-نېمەتكە ئايلانغان، شۇڭا ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەندە چوقۇم يەيدىغان ئالاھىدە يېمەكلىككە ئايلانغان.

 

12 يىلدا بىر قېتىم پىشىدىغان ئاگاۋا

بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، مېكسىكىلىقلار يەنە ئاگاۋا بىلەن داڭلىق ھاراق: «ئاگاۋا ھارىقى»نى ئىشلەپ چىقارغان. ئاگاۋا ھارىقى بۈگۈنكى كۈندە مېكسىكىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، «ئەڭ كۈچلۈك» ھاراق دەپ تەرىپلىنىدۇ. مېكسىكىلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئاچچىقنى ئاساس قىلغاچقا، ئاگاۋا ھارىقى تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، غىدىقلاشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، شۇڭا ھەمىشە كىشىلەر بۇ ھاراقنى ئىچكەندە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئاگاۋا ھارىقى ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا بازىرى ئىتتىك ھاراققا تەۋە، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدىمۇ نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بۇ خىل ھاراقنىڭ تەمىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

 

12 يىلدا بىر قېتىم پىشىدىغان ئاگاۋا

ئاگاۋا چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئېسىل تائام، شۇنداقلا ھاراق ئېچىتىدىغان ئەڭ ياخشى ماتېرىيال، لېكىن دۆلەت ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئاگاۋا يېشىللاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن، چۈنكى ئاگاۋادىن ئىبارەت بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تۇپراققا بولغان تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ھەرقانداق تۇپراقتا ياشىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياپيېشىل تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەمگە ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تاماشا قىلىش قىممىتى يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، جەنۇبتىكى نۇرغۇن شەھەرلەر ئاگاۋادىن ئىبارەت بۇ كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكلىرىنى باغچىلارغا ۋە يول بويلىرىدىكى كۆكەرتىش بەلۋاغلىرىغا تېرىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاگاۋانىڭ يەنە بىر قولايلىق يېرى بولسا، قارىغاي، ئارچىلارغا ئوخشاش، بەك كۆپ پەرۋىش قىلمىسىمۇ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە يېشىل رەڭنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىتىش ئورۇنلىرىدىن باشقا، ئاگاۋا يەنە بىيولوگىيەلىك يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، يەنى بۇ خىل ئۆسۈملۈكتىن كۆپ مىقداردا ئېتىل ئالكوھول ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئېتىل ئالكوھول بولسا ھازىر دەل يەر شارى بويىچە جىددىي ئېھتىياجلىق يېقىلغۇ ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا ئاگاۋا كۆپ مىقداردا تېرىلسا، ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئېنېرگىيە مەنبەسى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالدىن تالىشىدىغان بايلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاگاۋا بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئەگەر كېيىنكى مەزگىلدە بۇ خىل ئۆسۈملۈك تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭ تېخىمۇ زور قىممىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى