يېمەك-ئىچمەك

چىش ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن بۇ سەككىز خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەڭ

چىشنى قانداق ئاسراش ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ھەر كۈنى چىش چوتكىلاشتىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكمۇ چىش ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. زۆرۈر مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىن بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، چىشنىڭ ئېمال ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق.

ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەر چىشقا پايدىلىق؟

1. قېتىق

قېتىق كالتسىي ۋە ئاقسىلنىڭ ياخشى مەنبەسى. قەرەللىك قېتىق ئىچسە چىش ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئېسىڭىزدە بولسۇن، تېخىمۇ ساغلام بولۇش ئۈچۈن ماي ۋە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان قېتىقنى تاللاڭ.

2. قاتتىق پوستلۇق مېۋە

ئوخشىمىغان تۈردىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر چىشنى زۆرۈر ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، يەرياڭىقى تەركىبىدە كالتسىي ۋە ۋىتامىن D بار، ئۆرۈك مېغىزىدا كالتسىي مىقدارى يۇقىرى، مۇقاتىل شۆلگەينى غىدىقلاشقا پايدىلىق، ياڭاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى، فولىك كىسلاتاسى، تۆمۈر، تىئامىن، ماگنىي، ۋىتامىن E، كالىي ۋە سىنك قاتارلىقلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى چىشقا پايدىلىق.

3. چاي

يېشىل چاي تەركىبىدە پولىفېنول دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە بار بولۇپ، بۇ پولىفېنوللار باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش ياكى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ.

4. قارا شاكىلات

قارا شاكىلات تەركىبىدە كاكائو بار، كاكائو تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، چىش مىلېكىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، چىشنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كاكائو يەنە چىش باكتېرىيە دېغىنىڭ ئۆسۈشىنى ئازايتىدۇ. قارا شاكىلات يەنە چىش مىلىكىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شاكىلات نۇرغۇن ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ۋە كېسەلگە قارشى فېنول تۈرىدىكى بىرىكمىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىگە قارشى تۇرالايدۇ.

5. كالا سۈتى

كالا سۈتى بىر خىل سۈت مەھسۇلاتى بولۇپ، كالتسىي ۋە فوسفات كىسلاتا تۇزى ھەمدە ۋىتامىن D بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى چىش ساغلاملىقى ۋە سۆڭەك ساغلاملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم. قەرەللىك ھالدا سۈت ئىچىپ بەرگەندە يەنە چىشنىڭ ئېمال ماددىسىنى كۈچەيتكىلى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ھەمدە سۆڭەكلەرنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، كالتسىي كۈچەيتىلگەن پۇرچاق سۈتىنى ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ.

6. پىشلاق (ئىرىمچىك)

پىشلاق چىش ساغلاملىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. پىشلاق شۆلگەينىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىرىمچىك يەنە كالتسىي بىلەن فوسفاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتانى نېيتراللاشتۇرىدۇ ھەمدە چىش يۈزىدىكى كازېئىننى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

7. ئالما

ئالما يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەينى كۆپەيتكىلى بولىدۇ، شۆلگەي چىشنىڭ سىرتقى يۈزىنى يۇيۇپ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئومۇمىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

8. ئاپېلسىن

ئاپېلسىن بولسا كالتسىي، ۋىتامىن C ۋە Dنىڭ مول كېلىش مەنبەسى بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار چىش ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئاپېلسىن شەربىتى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى يوقىتىدۇ ھەمدە چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلايدۇ. ئاپېلسىن شەربىتى ماھىيەتتە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال چىش چوتكىلاش ۋە چىش يىپى بىلەن چىشنى تازىلاش كېرەك.

بۇ يېمەكلىكلەرنى يېسە چىشنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. چىش ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. سۇ شۆلگەينىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولۇپ، چىش ئارىسىدىكى يېمەكلىك دانچىلىرىنى تازىلاپ، چىشنىڭ ئېمال ماددىسىنى كۈچەيتىپ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ چىش ۋە چىش مىلېكىنىڭ ساغلاملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى