ساغلاملىق

تاماكا تاشلاشنىڭ ئۆپكە تۈزۈلىشگە بولغان سىز بىلمىگەن تەسىرى

ياخشىمۇ سىلەر كۆپچىلىك، بىز دائىم تاماكا چېكىدىغان نۇرغۇن دوستلارنىڭ «تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئۆپكىسى يەنە ئەسلىگە كېلەمدۇ؟» دېگەن سۇئالنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. نۇرغۇن ساغلاملىق پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدە: «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۆپكىنىڭ زەخمىسى ئەسلىگە كەلمەيدۇ» دېيىلگەن، لېكىن بىز بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇنىڭ ئېنىق ئەمەسلېكىنى ئېيتقىلى كەلدۇق. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سەل كاللا قاتۇرىدۇ، ياقتۇرمايدىغانلار كېيىنكى يەكۈنىنى بىۋاستە كۆرسە بولىدۇ، بىز ئاستا ئاستا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تەھلىل قىلىپ باقايلى.

تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكىگە بولغان زىيىنى

تاماكا ئىسى گاز ۋە مىكرو زەررىچىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كوكس مېيى، نىكوتىن، كاربون چالا ئوكسىد ۋە گىدروسىيانىد قاتارلىقلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ زىيانلىق ماددىلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك، بىئو خىمىيىلىك تۈزىلىشى ۋە مېتابولىزمىغا تەسىركۆرسىتىدۇ. ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسلىقى كىچىك كاناي شاخچىلىرى يولىنىڭ توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ كاناي شاخچە يولىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كىچىك كاناي شاخچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تاماكا تاشلاشنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى بولسا تېببىي خادىملار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.

ئەمدىكىسى ئەڭ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش: باش قاتۇردىغان يەرگە كەلدۇق

ئالدى بىلەن ئۆپكە ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كۆرسەتكۈچنى تونۇشتۇرىمىز.

كۈچىگەن ئۆپكە سىغىمچانلىقى (FVC) پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەڭ چوڭ نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر تېز نەپەس چىقارغاندا چىقىرالايدىغان ئەڭ چوڭ ھاۋا مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ چوڭ نەپەس چىقىرىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئېقىم سۈرئىتى (MMEF) دەسلەپكى ھاۋا يولىنىڭ توسۇلۇشىنى بېكېتىدىغان بىر قەدەر سەزگۈر ئۇسۇل، كۈچەپ نەپەس چىقارغاندىكى ئۆپكە مىقدارى دىئاگراممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆتۈش ۋاقتى(MTT).

سانلىق مەلۇمات ئانالىزى

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چەككۈچىلەردە نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن ئادەتتىكى ئۆپكە ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرى نورمال ئەھۋالدا، كاناي شاخچە ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بۇ بەلكىم كاناي شاخچىسنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى بۆلېكىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى چوڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى بىلەن، يەنە ئىس-تۈتەكنىڭ بۇ جايدا ئېقىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، شىللىق پەردە بىلەن ئىس-تۈتەكنىڭ زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پاتولوگىيەدە دەسلەپكى مەزگىلدە كانايچىنىڭ ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى پەردە سويۇلۇش، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش ۋە تالالىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بەزىدە قايتما ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. كۆزىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا يۇقىرىقى قاراشنى قوللايدۇ.

تاماكا چېكىپ 6~9 يىلدىن كېيىن تاماكا تاشلىغۇچىلار بىلەن بىر گۇرۇپپا قىلغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ FVC، MMEF كۆرسەتكۈچلىرى ئۆزگەرمىگەن، MTT قاتارلىقلاردا ئەڭ ئاۋۋال نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن. MTT بولسا كىچىك شاخچە يولى ئىقتىدارىنىڭ سەزگۈرلىكى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ دەپ قارىلىدۇ. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى تۈرلۈك ئۆپكە ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى روشەن ئەمەس، بۇ تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك كاناي شاخچە يولى ئىقتىدارىنىڭ دەسلەپكى زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ قايتما ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تاماكا چېكىپ 11~16 يىلدىن كېيىن تاماكا تاشلىغۇچى MTT قاتارلىقلار تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرمۇ تاماكا چىكىۋاتقانلارغا قارىغاندا قىسقىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە FVC، MMFF قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى روشەن ئەمەس بولۇپ، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئۆپكىنىڭ ئۆزگىرىشى

تاماكا چەككۈچىلەر دەسلەپتە كىچىك كاناي شاخچە يولىدىكى قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاماكا چېكىشنى توختاتقاندىن كېيىن ئەكسىگە قايتىشى مۇمكىن. ھېچبولمىغاندا پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى توختىتىش ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كېچىكتۈرۈش مۇمكىن. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر:

1.كىچىك كاناي شاخچە يولى ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. كىچىك كاناي شاخچە يولى ئاناتومىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تارمىقى كۆپ، كەسمە يۈزى چوڭ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ قارشىلىق كۈچى كىچىك. ئىس-تۈتەكنىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئاسانلا توختاپ قالىدۇ، تاماكا تاشلاش شىللىق پەردە بىلەن زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ زىيانغا ئۇچراش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن كاناي شاخچە يولىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

2.ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ئازىيىدۇ. تاماكا ئىسى تەركىبىدە نىكوتىن، كوكس مېيى، ھىدروگېن سىئانىد كىسلاتاسى، كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىرقەدەر ئاسان سۈمۈرىدىغان زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەش رولىغا ئىگە ، تاماكا تاشلاش بۇ ماددىلارنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىپ، كاناي يولىدىكى تۈكچىلەر ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ، ھەم تېنى زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھاۋا يولىنى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

3.پاراسىمپاتىك نېرۋا ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. تاماكا تاشلاش ئەسلىدە كۈچىيىپ كەتكەن پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كانايچە سىلىق مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى، نەپەس يولىنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى، بەز تەنچىسىنىڭ ئاجرىلىشىنىڭ كۆپىيىشى، رومكىسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى، كانايچە شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىش، نەپەس يولىدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق تەسىرلەرنى تەدرىجىي پەسەيتىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

شۇڭا تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۆپكىسىنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ، ئۆپكە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. نۆۋەتتە دەسلەپكى مەزگىلدە تاماكا تاشلىغاندا ۋە ئۇزاق مۇددەت تاماكا تاشلىغاندا، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى ۋە تۆۋەنلەشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارالماقتا.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى